تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى) :«بىر قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشكە بىر نەچچە مىنۇتلا كېتىدىكەن، تېببىي خادىملارغا ياخشى ماسلاشسىڭىزلا بولدى.» 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەندە، ئۆزىنىڭ ئولتۇراق رايونىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ بولغان 64 ياشلىق سۈن جىچىن قىزى بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە شۇنداق تاپىلىدى.
سۈن جىچىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى دۇڭدالياڭ غەربىي كوچىسىدا تۇرىدۇ. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەھەللىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ئولتۇراق رايونىنىڭ ۋېيشىن توپىدا ئاھالىلەرنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، تەرتىپلىك ھالدا ئولتۇراق رايوندىكى بەلگىلەنگەن جايدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10:00لاردا توپتىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۈن جىچىن بىر ئائىلە كىشىلىرى كىملىكىنى ئېلىپ، ماسكىنى ياخشى تاقاپ، بەلگىلەنگەن جايغا كەلدى، بۇ يەر ئەسلىدە ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئادەتتە سالقىندايدىغان جاي ئىدى.
تام تۈۋىگە ئۈچ جوزا قويۇلغان بولۇپ، ئۈچ گۇرۇپپا تېببىي خادىم ئالدىراش ئىدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى جوزا ئالدىغا ئىككى رەت ئورۇندۇق تىزدى. ھەربىر ئورۇندۇقنىڭ ئارىلىقى بىر مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۆچرەتتە تۇرغان ئاھالىلەرنىڭ ساقلاپ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن قويۇلغانىدى.
«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ۋاقىت بويىچە ئۆچىرەتتە تۇردى، شۇڭا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىدى، تەخمىنەن ئىككى-ئۈچ مىنۇت ساقلىساقلا بىزگە نۆۋەت كەلدى» دېدى سۈن جىچىن. ئۆچىرەتتە تۇرغان پەيتتە، بەش نەپەر مەھەللە خىزمەتچىسى نەق مەيداندا تەرتىپنى ساقلاپ، ماسكىنى توغرا تاقىمىغانلارغا دەرھال بېرىپ ئەسكەرتتى.
ناھايىتى تىزلا سۈن جىچىن ئائىلىسىدىكىلەر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ بولۇپ ئۆيىگە قايتتى.
«پۈتكۈل جەريان تەرتىپلىك، تېز بولدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئەنسىرىگۈدەك يېرىمىزمۇ قالمىدى» دېدى ئاھالە ليۇ شياۋيەن.
تىيانشان رايونى بەخت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئوتتۇرا ئايلانما يولى شىمالىي مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ما يۆخۇا مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ماسلاشتى، كۆپچىلىك ئاساسىي جەھەتتىن شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئارىلىق ساقلىدى.