تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر سو رۇڭجى خەۋىرى): ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى 1100دىن ئارتۇق تاكسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئاپتوموبىل مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، مېھمانخانا، مەھەللە قاتارلىق جايلاردا يولۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش كىرا ئاپتوموبىلى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بېييۈەنچۈن تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ساياھەت كىرا ئاپتوموبىلى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق بەش كىرا ئاپتوموبىلى شىركىتىدىن 1100دىن ئارتۇق كىرا ئاپتوموبىلىنى تاللاپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئاپتوموبىل مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن، ھەر بىر شوپۇر شەخسىي قوغدىنىش ۋە ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا «توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى»نى سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
شىنجاڭ بېييۈەنچۈن تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چېڭ جۈنچى مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىغا ئاساسەن بۇ يەردە ساقلاپ تۇرىمىز، ئەڭ بالدۇر بولغاندا سائەت 8دە يېتىپ بارىمىز، ئەڭ كېچىككەندە سەھەر سائەت 4 تە ئىشتىن چۈشىمىز». بۇ شىركەت 80دىن ئارتۇق شوپۇرنى T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مەسئۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، يولۇچىلار ئايرودۇرۇمدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ بارار جايىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شوپۇرى شى كەيدې ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل ئىدى.
«بىز يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، يولۇچىلارنى ئاپىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەيمىز، دېزىنفېكسىيە لۆڭگىسى بىلەن تۇتقۇچ، رېشاتكىلارنى سۈرتۈپ، پۈتۈن مۇساپىدە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرىمىز» دېدى شى كەيدې.
ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە بىر قىسىم تاكسىلار مېھمانخانا، مېھمانسارايلارنىڭ سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن تاكسى شوپۇرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە پىدائىيلار ئاپتوموبىل مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىرىپ، مەھەللىدىكى كېسەل كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرنى توشۇشقا، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە كۈچ قوشقان.