تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ سىيمالار بىز ئۈچۈن سايىۋەن بولماقتا

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئىشچىلىرى ئالتۇنتاغ چاقىلىق لىنىيەسىدىكى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)دە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ تۆمۈر مۇنارىدا مەشغۇلات قىلماقتا. (چۆ . خۇرە فوتوسى)

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالاتاۋ ئېغىزى پورتىدا تاموژنا خادىملىرى تومۇز ئىسسىققا قارىماي چېگرادىن كىرگەن پويىزلارنى تەكشۈرمەكتە. (خۇاڭ بىياۋ فوتوسى)

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونى شۆبە ئىدارىسىدىكى خەلق ساقچىسى ئابدۇۋەلى مەمەت (سولدا) خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتمەكتە. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خۇڭسەن يولىدىكى قۇرۇلۇش دوختۇرخانىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا، ئاھالە لى لىپىڭ (سولدا) يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى شارائىتىدا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاۋۇز سۇنماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك ئۇلاپ توشۇش مەركىزىدىكى ئىشچىلار ماللارنى قاچىلاپ يۆتكىمەكتە. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو نېفىتچىلىك غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش شەرقىي جۇڭغار شىركىتى شىنجاڭ ماخۇ نېفىتلىكىدە، نېفىت ئىشچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. (جوۋ جيەنلىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا): 7-ئايدا شىنجاڭ يالقۇنجاپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا ئوتتەك ئىسسىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئالدىدا سالقىندىغاچ، تاۋۇز يەپ، تورغا چىقىپ، سالقىن ۋە راھەت تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغاندا، يەنە مۇنداق بىر توپ كىشىلەر تومۇز ياز ئايلىرىدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ تەرلەپ ھۆل بولۇپ كېتىشىگە پىسەنت قىلماي، يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىمەكتە.

   پىژغىرىم ئىسسىقتا، تاموژنا خادىملىرى ئايرىش مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، چېگرادىن كىرگەن پويىزلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، يۇقۇم مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى؛ نېفىت ئىشچىلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي، قۇدۇق رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى؛ سودىگەرلەر توختىماي كالا، قوي گۆشى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى يۆتكەپ كېلىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى ...

   يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان شۇ سىيمالار بىزگە سايىۋەن بولدى، ئۇلار خىزمەت ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلىماقتا، ئۇلار خالىس تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى تىنچ، خاتىرجەم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى