تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تازىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە بوشاشمىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ تيەنجۈن فوتوسى، خەۋىرى): بۇ ئىككى كۈندە، ئۈرۈمچى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى خادىم، ماشىنا كۈچلىرىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئاساسلىق ۋە ئىككىلەمچى غول يولى، تېز سۈرئەتلىك يولى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ تازىلىق، ئەخلەت توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرىنى كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتتى.

تىيانشان رايونلۇق مۇھىت ئاسراش تازىلاش-توشۇش ئەترىتى تازىلاش-توشۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ تيەنجۈن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، تىيانشان رايونىدىكى بارلىق ئەخلەت يۆتكەش پونكىتلىرىغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر كۈنى بۇ ئەسلىھەلەر ئۈچ قېتىمدىن كەم بولمىغان ئاساستا تازلىنىدۇ ۋە دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ، بارلىق ئەخلەت تازىلاش-توشۇش ئاپتوموبىللىرى بىر قېتىم تۇشۇسا، بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ».

ئەخلەتلەرنى تازىلاش-توشۇش جەريانىدا، ئالدى بىلەن ئاپتوموبىللار ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنىڭ نورمالسىزلىق بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈپ، تازىلاش-توشۇش جەريانىدا ئاپتوموبىل ئالماشتۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ھەر قايسى مەھەللىلەرگە بېرىپ ئەخلەتلەرنى يۆتكەپ توشىغاندا، يەنە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەخلەت كېمىلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشىغا ماسلىشىپ، ھەر كۈنى خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دېزىنفېكسىيەلەش بەلگىلىمىلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئاپتوموبىللار دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ ۋە بەلگىلەنگەن رايوندا توختىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر كۈنى خىزمەت سورۇنى، ئاممىۋى رايون، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ياتاق ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ھەر كۈنى يول يۈزىنى تازىلىغاندىن سىرت، يەنە يول بويىدىكى مېۋە شۆپىكى ساندۇقى، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىت ئاسراش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇھىت تازىلىقى كۈندىلىك مەشغۇلات ھالقىسىدا دېزىنفېكسىيەلەش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى بوشاشتۇرماي، ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لاردىن تازىلىق، دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىدا قولنى يۇيۇش، ئەمگەك قوراللىرىنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى