تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 61 كارخانا بازار تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقارماقتا.

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.

    7-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار ھازىر ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق نەيچە، ئايرىش كىيىمى، ئاياغ قاپلىمىسى، ئاياغ، ۋە باش كىيىم قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ. شىركەت 24 سائەت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 18-كۈنىلا 600 قۇر ئايرىش كىيىمى، 30 مىڭ جۈپ ئاياغ، باش كىيىم، 3000 جۈپ ئاياغ قاپلىمىسى تىككەن.

    خوتەن بالىم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىچكىرى ئۆلكىدىن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ھازىر كۈنىگە 300 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقارالايدىكەن، «ھازىر بىز ئاساسلىقى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا، N95 ماسكىسى، مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىمىز. 61 نەپەر خادىم بىر كۈندە ئۈچ نۆۋەت ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ، كۈنىگە 300 مىڭ دانە ماسكا، 1000 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى خوتەن بالىم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر باغچا رايونىدىكى ھەرقايسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش نورمال بولۇپ، خىزمەتچىلەر ياتاق رايونىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇۋېتىپتۇ. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچە رايونى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىشلەپچىقىرىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىدىن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا، N95 ماسكىسى، مۇداپىئە كىيىمى، ئايرىش كىيىمى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىقلار بار. تۈرى مول بولۇپ، بازارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ».

   شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشنى تۇنجى بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ماسكا، ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقارغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدۇر، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كارخانا كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆستۈردى، ھازىر كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشخانا يەر كۆلىمى يىل بېشىدىكى 300 كىۋادرات مېتىردىن 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيدى، ئىشچى-خىزمەتچىسى 20 نەچچە كىشىدىن ھازىرقى 174 كىشىگە كۆپەيدى.

    ھازىر، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن توققۇز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كىرگۈزدى، كۈنىگە 40 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدۇ. «ئەگەر توققۇز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە، ئادەتتىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 200 مىڭغا، نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 500 مىڭغا يېتىدۇ» دېدى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جيې.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 61 كارخانا بار بولۇپ، ئېرىتىپ پۈركۈش رەختى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە نىقابى، ئىسپىرتلىق پاختا، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشتىن تەييار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقىچە بىر قەدەر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەن.

    ئۈرۈمچىدە بۇ قېتىملىق يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى، بۇنىڭغا ئالدىنقى مەزگىلدىكى مول زاپاسنى قوشقاندا، بازار تەمىناتىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى