تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇلار بولغاچ، كۆڭلىمىز خاتىرجەم

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، سۆيۈملۈك شەھىرىمىز ــــ ئۈرۈمچى يەنە بىر قېتىم ۋاقىتلىق توختاش كونۇپكىسىنى باستى.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 15لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شىمالىي يولى ئەتراپى، ھاۋا ناھايىتى ياخشى. ليۇ خاۋ فوتوسى

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سىيماسى نامايان بولدى، ئۇلار ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم قىلدى!

1. مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتىن باشلاپ ئالدىراش خىزمەتكە كىرىشىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ،  دېزىنفېكسىيەلەشكە تەشكىللەپ، ئاھالىلەرگە تۇرمۇش كاپالەت بۇيۇملىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن «يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەندىزە»نى يولغا قويدى.

«ھېچقىسى يوق، يەنە لازىم بولسا ماڭا دەڭ، سىلەر ئۆيدە خاتىرجەم ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالساڭلارلا بولىدۇ.» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى باۋخېڭ سارىيى دەرۋازىسى ئالدىدا، جەنۇبىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جيەنجۇڭ يولى مەھەللىسىنىڭ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرى دىلنۇر سەمەت بىر ئاھالە سۇنغان يېقىلغۇ گاز قىممەت تولۇقلاش كارتىسىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇشىغا، باشقا ئاھالىلەر تېلېفون بېرىپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم قىلىشىنى ئېيتتى.

ئەتىگەندە، بىر ئاھالە ئىككى چېلەك سۇنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىشقا تەييارلاندى. «ئاپاملارنىڭ ئۆيىدە سۇ توختاپ كېتىپتۇ، ئاپام بۇ يىل 90 ياشقا كىردى، ئۆزى يالغۇز تۇرىدۇ، سۇ بولمىسا ئۇ قىينىلىپ قالىدۇ، ئاپام مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا تۇرىدۇ، مەن سۇنى يەتكۈزۈپ بېرىپلا قايتىپ كېلىمەن.» دىلنۇر خىزمەتدىشى بىلەن ئەھۋالنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى چېلەك سۇنى ئېلىپ بۇ ئاھالىگە ياردەم قىلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

«سىزنى راستتىنلا جاپاغا سالدىم، ئىككى چېلەك سۇ 10 كىلوگىرامدەك كېلىدۇ، بەك ئېغىر بولغاچقا مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنى ئاۋارە قىلماي دېگەن، ئويلىماپتىمەن، يەنىلا سىلەر ماڭا ياردەم قىلدىڭلار» دېدى ئاھالە تەسىرلەنگەن ھالدا. مۈلۈك باشقۇرۇشتىكىلەرنى كېچىلەپ دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىگە تەشكىللىگەن دىلنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جاپالىق ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز».

خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، تېخى چۈشلۈك تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تىيانشان رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنشى يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى تاڭ جەنجياڭ دەرھال  ھۆددىگە ئالغان 90 ياشلىق ئەر-خوتۇننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، يۇقۇم مەزگىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىپ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى، تاڭ جەنجياڭ توختىماي بوۋاي-مومايغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: «تاغا، ھامما، نېمە ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭلار، مېنى ئاۋارە قىلىشتىن ھەرگىز ئەنسىرىمەڭلار.»

90 ياشلىق ياڭ گۈيفاڭ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بالىلار يېنىمىزدا ئەمەس، شياۋتاڭ خۇددى ئوغلىمىزدەك بىزگە كۆيۈنىدۇ، ھەر كۈنى ئۆيگە كېلىپ بىزنى يوقلاپ كېتىدۇ. كۆكتاتلارنى بالدۇر سېتىۋېلىپ، ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئىللىدى.»

«تۆنۈگۈن ئۆيدە توك توختاپ قالغانىدى، بىرلا تېلېفون بەرسەم، ھايال ئۆتمەي مەھەللە پىدائىيلىرى توك كارتىسىغا توك قاچىلاپ ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بەردى.» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساڭفاڭگۇ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋېي شيەنيوۋ مۇنداق دېدى: مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولغاچقا، سۇ، توك، گاز ھەققى تاپشۇرالماسلىقتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق.

«خەييەن ھەدە، بۇ بىر ئاھالىنىڭ توك كارتىسى، خاپا بولماي 200 يۈەن توك ھەققى قاچىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن، «خەييەن ھەدە، مۇشۇ تىزىملىك بويىچە ماللارنى تەييار قىلىپ بەرسىڭىز، دەرھال ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىدىم.» ... ۋېي شيەنيوۋ ئولتۇرۇشلۇق ئەينەك زاۋۇتى ئاھالىلەر قورۇسى ئىشىكى ئالدىدىكى خەييەن تاللا بازىرىدا، ئالدىراش قاتراپ يۈرگەن مەھەللە پىدائىيلىرى بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. «ئۇلار خىزمەتلەرنى ناھايىتى ئىنچىكە ھەم ئەستايىدىل قىلىدۇ، ئاھالىلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، بىر-بىرلەپ ئېنىق تىزىملاپ، ئامالنىڭ بارىچە ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇدۇكاندار دۇ خەييەننىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە زاپاس مال مىقدارى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئاساسىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، مال مىقدارىمۇ يېتەرلىك ئىكەن.

«بىزنىڭ مەھەللىدە بەش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى مۇلازىمەت ئەترىتى مەخسۇس ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا مەسئۇل، ئاھالىلەر ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا سەمىمىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ خەييەن تاللا بازىرىدا، ئاھالىلەر ئۈچۈن توك ھەققى تاپشۇرۇۋاتقان ساڭفاڭگۇ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى روشەنگۈل نىيازنىڭ قولىدا ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ سېتىۋالغان بىر خالتا تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار ئىدى.

تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات ھەم ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن،7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇرۇڭ مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى ۋاقىتتا كۆكتاتلارنى قورۇ ئىچىگە ئاپىرىپ ساتتى. فۇرۇڭ مەھەللىسى شىمالىي ھويلىسىدا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى كۆكتات ۋە ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەرتىپ بويىچە تىزدى، مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن ئاھالىلەر ماسكا تاقاپ، بىر مېتىردىن ئارىلىق ساقلاپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالدى.

ئاھالە گو جۈپىڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەمىنلىگەن كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ، باھاسى ئەرزان». فۇرۇڭ مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەتتىكى كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ يېتەكچى باھاسى بويىچە سېتىلىدىغان بولۇپ، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، مال مەنبەسىمۇ يېتەرلىك ئىكەن.

«ماڭا ياردەملىشىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئەكىلىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ تەۋەلىك رايونى شياڭيۈن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، 71 ياشلىق سۈي جيەن مەھەللە پىدائىيلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ شۇنداق دېدى.

«ھەدە، تۇرمۇشتا مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز بىزگە دېسىڭىز بولىدۇ، چوقۇم ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ بېرىمىزشياڭيۈن مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، «مەنتيەنشىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى لى لىڭ مومايغا شۇنداق دېدى.

ياشانغانلار، يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا بولغان مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، شياڭيۈن مەھەللىسى «مەنتيەنشىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇردى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەۋەلىكتىكى 34 ئائىلىدىكى ياشانغانلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئىسسىق تاماق يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شياڭيۈن مەھەللىسى ئاكتىپلىق بىلەن قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى تارقىتىش، بەدەن تېمپېراتۇراسىنى ئۆلچەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خاتىرجەم قىلدى.

2. پىدائىيلار

«ھەرقايسى ئاھالىلەر، كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر، نۆۋەتتە مەھەللىمىز پىدائىيلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، ئەگەر ئاھالىلەرنىڭ ۋاقتى بولسا ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...» 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23تە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭخې مەھەللىسى ۋېيشىن توپىدا پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى تارقاتتى، نۇرغۇن ئاھالە دەرھال ئىنكاس قايتۇردى: «مەن تىزىملىتىمەن، «مەنمۇ تىزىملىتىمەن!»

مەھەللە خىزمەتچى خادىمى گۇڭ تىڭتىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پەقەت ئېھتىياجلا بولسىلا، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر دەرھال ئاكتىپلىق بىلەن ياردەملىشىدۇ، شۇ كۈنى كەچتىلا ئۈچ ئاھالە پىدائىيلىققا تىزىملاتتى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يەتتە ئاھالە پىدائىيلىق خىزمىتىنى باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50تىن ئاشقانلار، 20 نەچچە ياشتىكىلەر بولۇپ، ھەرقايسى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭخې مەھەللىسى پىدائىيلىرى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە دورا سېتىۋالماقتا.

ۋاڭ شەنشەن ئادەتتىمۇ شۇنداق قىزغىن ئىدى، مەھەللىدە قانداق پائالىيەت بولسا ھەممىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشاتتى. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە ئولتۇراق رايون ۋېيشىن توپىدا مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال تىزىملىتىپ: «مەن چاقىرغان ھامان بارالايمەن» دېدى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10دا، قىزىل جىلىتكە كىيىپ، قىزىل يەڭلىك بەلگىسى تاقىغان مەھەللە پىدائىيلىرىنىڭ سىيماسى بەيشاڭ بەيلېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا پەيدا بولدى. بەيشاڭ بەيلېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا جەمئىي 2900دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالە بار ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئاھالە ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى كۆكتات دۇكىنىدىن كۆكتات سېتىۋالدى. ۋاڭ شەنشەن ۋە باشقا پىدائىيلار نەق مەيداندا تۇرۇپ بىر تەرەپتىن تەرتىپنى ساقلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرگە ماسكا تاقاپ، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ شەنشەن ۋە باشقا پىدائىيلار يەنە ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى ھەرقايسى بىنالارنىڭ ئىچىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، توپلىشىۋالغان كىشىلەرنى بايقىغان ھامان دەل ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ تارقاقلاشتۇردى. «يۇقۇم مەزگىلىدە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىر ئاز جاپا تارتىدۇ، ئادەم كۈچى بىرقەدەر قىس بولغاچقا، ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك كۈچۈمنى قوشۇپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئويلايمەن» دېدى ۋاڭ شەنشەن.

يەنە بىر پىدائىيمۇ: ئادەتتە خىزمەت قىلغاچقا، مەھەللىنىڭ پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشالمايمەن، ھازىر ۋاقتىم بولغاچقا، بىر كىشىلىك كۈچۈمنى چىقاردىم، دېدى.

«ئادەم كۈچى يېتىشەمدۇ؟ ياردەم كېرەكمۇ؟...»

7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لوكېلۈن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما لېي ئەتىگەندىلا ئولتۇراق رايون ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، يۇقۇم مۇداپىئە مۇلازىمەت پىدائىيسى بولۇشقا تەلەپ قىلىپ تىزىملاتتى.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) لوكېلۈن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ پىدائىيسى ما لېي مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ئاھالىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

ما لېي ئارزۇسى بويىچە پىدائىي بولغاندىن كېيىن، باشقا پىدائىيلار بىلەن بىللە ئاھالىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، مەھەللىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى...

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) لوكېلۈن كوچىسى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شيا مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق قىزغىن پىدائىيلار بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ، بۇ بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خىزمەتچى خادىملىرىغا نىسبەتەن زور قوللاش بولۇپلا قالماستىن، ئاھالىلەرمۇ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) بېيجىڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەر تەۋەلىكىدىكى ھەرىكىتى قولايسىز ئاھالىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، پىدائىيلار ئاھالىلەر ئۈچۈن دورا سېتىۋالماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بالىلار كەنتى مەھەللىسى پىدائىيلارنى تەشكىللەپ مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بالىلار كەنتى مەھەللىسىدىكى پىدائىي ليۇ چۈەنبېن ئاپتوموبىل ھەيدەپ تەۋەلىكىدىكى ئاھالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، سايباغ رايونى شىنيۆيۈەن ئولتۇراق رايونى تەۋەلىكىدىكى پىدائىي شياۋ زىچېڭ ۋە ھەمراھلىرى ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ تازىلىماقتا.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، سايباغ رايونى گۇڭيۈەن شىمالىي كوچىسىدىكى چىڭسۇڭيۈەن مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى پىدائىي ما چېڭ مەھەللىدىكى ئاھالىلەر تېلېفون بېرىپ زاكاز قىلغان ماللارنى تاللىماقتا.

3. تېببىي خادىملار

7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23لەردە، خىزمەت ئورنىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان شۈ يۈخۇڭ: «مەن تىزىملىتىمەن» دېدى.

«تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشقا تەييار تۇرۇشۇم كېرەكدېدى ئۇ.

شۈ يۈخۇڭ(سولدىن 1-كىشى) ۋە خىزمەتدىشى خىزمەت قىلماقتا. سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5- دوختۇرخانا جۇڭيىچە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى شۈ يۈخۇڭ دوختۇرخانىدىن تېببىي خادىملارنى ۋۇخەنگە ياردەمگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش ئىككىلەنمەستىنلا «مەن باراي» دېگەنىدى.

«يەنە بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشتا، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

شۈ يۈخۇڭ تېلېفوننى قويۇپلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ چوڭ بۆلۈمنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرىنچى ۋاقىتتا قاراشلىق 11 بۆلۈمنىڭ سېسترالار باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇشقىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەنە بۆلۈمنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۆلۈم مۇدىرلىرى، دوختۇرلار، سېسترالارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈشى كېرەك ئىدى.

«گەرچە تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا ناھايىتى كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاكتىپلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشقا تىزىملاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ سېسترا شۇ كۈنى كېچىلەپ خىزمەت ئورنىغا قايتتى» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

دوختۇرخانىنىڭ تېببىي خادىملىرى خىزمەت قىلماقتا. سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن.

شۇ كۈنى ۋاقىت ئاللىقاچان يېرىم كېچىدىن ئاشقان بولۇپ، شۈ يۈخۇڭ بەرگەن ئون نەچچە تېلېفوننىڭ ھەممىسى ئېلىنىپ، ھەربىر تېببىي خادىمنىڭ ھەممىسى تەييارلىنىپ بولدى.

يېرىم كېچىدە بىر-بىرلەپ بېرىلگەن تېلېفونلاردىن شۈ يۈخۇڭنىڭ قىزى چۆچۆپ ئويغىنىپ كارىۋاتتىن چۈشتى. «قىزىم كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ماڭا قاراپ، ئاپا، سىز ئۆيدە بولالامسىز؟ مەن سېسترالار باشلىقى، خۇددى سىنىپ باشلىقىغا ئوخشاش باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشۇم كېرەكئالدىنقى قېتىم ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغاندا، ئۇ قىزى بىلەن يېرىم يىلغا يېقىن كۆرۈشەلمىگەنىدى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىزچىل بىرىنچى سەپتە ئالدىراش ئىشلىدى. «قىزىمغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە ئىزچىل ئۆكۈنۈشۈم بار» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

شۈ يۈخۇڭ قولىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندا سەھەر سائەت 2 بولغانىدى. ئالتە سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىراش سىيماسى دوختۇرخانىدا پەيدا بولدى.

«بۈگۈن ئەتىگەن ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىدىغانلار ئاز ئەمەس، ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم يېتەكلەش ۋە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. مەن بۆلۈمدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئۇدۇللا ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ، بۇ يەردىكى ئاغرىقلارنى ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە يېتەكلەشكە ياردەم قىلىمەن» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

ئالدىراشلىق ئىلكىدىكى سىيمالار تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 9دىن 14كىچە، شۈ يۈخۇڭ ئىزچىل ئالدىراش بولدى. بۇ چاغدا ئۇ سۇمۇ ئىچمىدى، ئۇنىڭ خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. تېببىي خادىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن دىياگنوز قويدۇرىدىغان ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئاتلاندى.

«بىزنىڭ تېببىي خادىملىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى، تەجرىبىسى بولغاچقا، كۆڭلىدە تەمكىنلىك ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بار. بىز ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

سائەت 14تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شۈ يۈخۇڭ يۈگۈرۈپ ئاشخانىغا بېرىپ تاماق ئېلىپ تېزلىكتە يېيىشكە باشلىدى. «چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال خىزمەت ئورنىمىزغا قايتىشىمىز كېرەك، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا...» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى

ئۈرۈمچى، غەيرەت قىل!

مەنبە: تىيانشان تورى

مۇخبىرلىرىمىز: يۈ مېڭفەن، جاڭ دۇڭمېي، ليۇ يىمىڭ، دۈەن شياۋلى

شىنجاڭ گېزىتىدىن جاۋ چۈنخۇا، ۋېي خۇڭپىڭ، فۇ شياڭلۇڭ

ئىختىيارىي مۇخبىرلار: گۈەن تىڭتىڭ، شى شيەنپىڭ، جيەن چىڭچىڭ

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى