تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ھازىر مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار ۋە ئۆيدە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى

ئاخبارات ئېلان قىلىش نەق مەيدانى.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ ۋۇلۇڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شىنگو، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇڭ مېيۋېن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى جاڭ جيې بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12دىن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24كىچە، شەھىرىمىزدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دېياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 13ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 18ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24كىچە، شەھىرىمىزدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 30ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 41ى بار. يوشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي چىققان قىسمەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتىكى نەتىجىسى مۇسبەت بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىغا ئايلىنىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان يېقىندىن ئۇچراشقانلار ئىزدەپ تېپىلىدۇ. «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» خىزمەت تەلىپى بويىچە، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 8گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھازىر مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار ۋە ئۆيدە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي تاماملىدى. يۇقۇم مەنبەسىگە قارىتا مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بىز تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللىك مەنبەسىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي تىزگىنلەيمىز. نۆۋەتتە، گەرچە شەھىرىمىزدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئالاقزادە بولۇشى ھاجەتسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى