تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

1800دىن ئارتۇق تېببىي خىزمەتچى ئۈرۈمچىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەكتە.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھىرى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى قاپلاشنى ئالدىن يولغا قويۇپ ھەم تەكشۈرۈش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، پۈتۈن شەھەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھازىر تېببىي كۆزىتىۋاتقانلار ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى».

نۆۋەتتە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن 25ى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 1600دىن ئارتۇق تېببىي خىزمەتچى تەشكىللىنىپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن 10 ئۆلكە، شەھەردىكى 10 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدىكى 200دىن ئارتۇق خادىم بىلەن، رايون (ناھىيە)نى بىرلىك قىلىپ، پۈتۈن شەھەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لاردا بىرقانچە ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، مەھەللە ئاھالىلەرنى تەرتىپلىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلىپى بويىچە بەلگىلەنگەن ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا ئەۋرىشكە ئالدۇرۇپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، بىر مېتىر بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاپ، توپلىشىۋالماي، يىغىلىۋالماي، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تەرتىپلىك ماسلىشىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى ئەسكەرتىلىدۇ.

بىرىنچى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن، يېمەكلىك يېمەسلىك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەۋرىشكە ئېلىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك ۋە سېغىز چاينىماسلىق كېرەك؛

ئىككىنچى، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بارلىق تەكشۈرگۈچىلەر ماسكا تاقىشى ھەم بىرنى زاپاس تەييارلاپ، ئەۋرىشكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇش كېرەك؛

ئۈچىنچى، بۇرۇن-يۇتقۇنچاقتىن ئەۋرىشكە ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن، تەكشۈرتكۈچىلەر ئەۋرىشكە ئالغۇچىلارغا بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئەگمىسى ياكى بۇرۇن بوشلۇقى ئوپېراتسىيە تارىخى بار-يوقلۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش، بۇ جەرياندا بۇرۇن قىچىشىش سېزىمى پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، غىدىقلىنىپ چۈشكۈرگەندە، دەرھال قەغەز ياكى جەينەك بىلەن توسۇۋېلىش كېرەك؛

تۆتىنچى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، قولنى يۇيمىسىمۇ بولىدىغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى قولنى يۇيمىسىمۇ بولىدىغان ئىسپىرت بىلەن ئىككى قولنى سۈرتۈش كېرەك؛

بەشىنچى، ئەۋرىشكە ئالدۇرغاندا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىر مېتىردىن يۇقىرى ئارىلىق ساقلاش كېرەك؛

ئالتىنچى، ئەۋرىشكە ئالدۇرغاندا چوقۇم كىملىكنى ئېلىۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى