تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىمپورت قىلىنغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى گۆشى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېن (ئوتتۇرىدا) مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، يەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيا بازىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتتى. ھازىرغىچە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملاردىن 560 ئادەم قېتىم ئاجرىتىپ، 75 يېزا ئىگىلىك (بازارلىرى) سودا بازىرى، 237 سودا سارىيى (تاللا بازىرى)، 607 كۆكتات (ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك) دۇكىنىنىڭ سېتىۋېلىش يولى، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە سېتىلىش باھاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسىنى تېز، قولاي ھەل قىلىش يولى» تەسىس قىلىپ، 525 پارچە ئەرز-شىكايەتنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلدى. مەھەللە ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى كۆكتات دۇكانلىرىنىڭ باھادا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارچە سېتىش نۇقتىلىرىدىكى باھانىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى تىزگىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنليەن بازىرى، بېييۈەنچۈن بازىرى، جيۇدىڭ بازىرى قاتارلىق توپ سېتىش بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، توپ سېتىش باھاسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، توپ ۋە پارچە سېتىشتا باھانى ئېنىق قىلماسلىق، مال كىرگۈزۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك ۋە باھانى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىلمىشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىمپورت قىلىنغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى گۆشى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 9081 تىجارەت سۇبيېكتى تەكشۈرۈلۈپ، 15 مىڭ 308 ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى. ئەشيا ئوبوروتى، يەتكۈزۈش كەسپىدە توشۇلىدىغان بۇيۇملارغا قارىتا، ئالاقىدار تىجارەت سۇبيېكتىدىن 150ى تەكشۈرۈلۈپ، 433 ئەۋرىشكە ئېلىندى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ دورا تىجارىتى قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان 232 ئورۇن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلۈپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار، ماسكا، ئىسپىرت قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدىغان، سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك، تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە، ليەنخۇا چىڭۋېن كاپسۇلى، ۋىرۇسقا قارشى دورىسى(抗病毒颗粒)، بەنلەنگېن، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت، ماسكا قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى مۇقىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى