تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەسكەرتىش ئاگاھنامىسى تارقاتتى

  

      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن خەۋىرى، فوتوسى): كود بىلەن باھانى ئېنىق ئەسكەرتىش، ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، يالغاندىن باھا ئۆسكەنلىك خەۋىرى تارقاتماسلىق، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى، كۆكتات قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقىنى %35تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىغا بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەسكەرتمىسى تارقىتىپ، تاللا بازىرى، كۆكتات دۇكىنى، دورىخانا قاتارلىقلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاڭلىق كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىپ، باھا باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، باھا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنشىڭ كوچىسىدىكى بىر تاللا بازىرىدا، تەكشۈرگۈچى خادىم نۇرغۇن مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ تاللا بازىرىدا كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى تاۋارلارنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، ئەمما مال جازىسىدىكى قىسمەن كۆكتاتلار بىلەن مېۋىلەرگە باھا يېزىلمىغانىدى. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار تاللا بازىرىغا بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەسكەرتىش ئاگاھنامىسى چۈشۈرۈپ، تاللا بازىرىنىڭ دەرھال باھانى بېكىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەمدە ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا، «باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش بەلگىلىمىسى» بويىچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىر قىلىپ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  شىنشىڭ كوچىسىغا جايلاشقان بەيساۋتاڭ دورىخانىسىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنىڭ بىر ئورالمىسى (جەمئىي 10 تال) 16 يۈەندىن سېتىلدى، يېقىنقى مەزگىلدە باھا ئىزچىل ئۆزگەرمىدى.

  شىنشىڭ كوچىسىدىكى بىر كۆكتات، مېۋە دۇكىنىدا، 60-50 خىل كۆكتات بار، كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ، باھا كۆرسەتمىسى تولۇق، ئەمما كۆكتاتلارنىڭ باھاسى سەل يۇقىرى، شوخلىنىڭ ھەر كىلوگرامى 8.5 يۈەندىن، ئۇچلۇق لازىنىڭ ھەر كىلوگرامى 7.8 يۈەندىن سېتىلغان.

  بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەسكەرتىش ئاگاھنامىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى ۋە ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىدىكى تاۋارلارنىڭ باھاسىدا 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەمەلىي سودىدىكى سېتىلىش باھاسى ئاساس قىلىنىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ كىرگۈزۈلگەن تاۋارلارنىڭ تەننەرخىدە ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا ئەسلىدىكى سېتىش باھاسىدىن ئاشۇرۇپ ساتقان، تاۋارنىڭ تەننەرخىدە ئۆزگىرىش بولغان، سېتىۋېلىش - سېتىش باھا پەرقى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇنقىدىن ئۆستۈرۈۋېلىنغان ھەمدە ساتقان تاۋارنىڭ ئەسلىدىكى باھاسى ئەسكەرتىلمىگەن، سېتىش - سېتىۋېلىش باھا پەرقى %35تىن ئېشىپ كەتكەن قىلمىشلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشى دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  سېتىۋېلىش-سېتىش باھاسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نەق مەيداندا شوخلا، يۇمىلاق چەيزىنىڭ سېتىۋېلىش-سېتىش باھاسىدىكى پەرقنىڭ %35تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېسابلاپ، دەرھال تاللا بازىرىنى باھانى تەڭشەشكە بۇيرىدى، ھېسابات قىلغۇچى خادىم 10 نەچچە خىل كۆكتاتنىڭ باھاسىنى نەق مەيداندا تەڭشىدى، يۇمىلاق چەيزىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى ھەر كىلوگرامى 6.5 يۈەندىن 5.5 يۈەنگە، شوخلىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى ھەر كىلوگرامى 8.5 يۈەندىن 7.5 يۈەنگە، قاپاق كاۋىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى ھەر كىلوگرامى 6.5 يۈەندىن 5.5 يۈەنگە تەڭشەلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، مەسىلىنى تېز ھەم قولاي ھەل قىلىش يولى» تەسىس قىلدى، پۈتۈن شەھەردىكى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خادىملىرى بازارنى تەكشۈرۈشكە ئاتلىنىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، نۆۋەتتە شەھەر بويىچە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولدى، كۆكتات باھاسىدا ئازراق داۋالغۇش بولدى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خادىملىرى بۇ خىل مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تەكشۈرۈۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىۋېلىش-سېتىش باھاسىدىكى پەرق %35تىن ئىشىپ كەتسە بولمايدۇ، بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشى دەپ بىكىتىلىدۇ، ئىستېمالچىلار 12315كە تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى دەرھال تېز سۈرئەتتە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ