تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

  يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالدى. ھەرىكەت قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى، بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى پەسەيتىدۇ ھەمدە يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق.

  ئۇنداقتا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

  ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش تۈرىدىكى جىسمانىي پائالىيەت ئائىلىدىكى كۈندىلىك جىسمانىي ئەمگەكنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، تازىلىق قىلىش، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىقلار. ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: قاچا يۇيغاندا ئوڭ ۋە سول پۇتنى نۆۋەت بىلەن كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلەش؛ گۈرۈچ يۇيغاندا ئوڭ ۋە سول قولنى نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىش ھەمدە مۈرە قىسمىنى قانۇنىيەتلىك ئايلاندۇرۇش؛ سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋالغاندا، ئەخلەت تاشلىغىلى چىققاندا ئامال بار پىيادە مېڭىش، پەلەمپەيدىن چىقىش ۋە چۈشۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پۇتنى چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلار.

  بىراق، بەدەن چېنىقتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇمدۇر. گەرچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندىمۇ «ھەرىكەت» قىلىپ تەر چىقسىمۇ، لېكىن بەدەن چېنىقتۇرغانغا ئوخشاش يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ چىدامچانلىقى، مۇسكۇل كۈچى، ئەۋرىشىملىكى قاتارلىقلارنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ، يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ئىسسىقلىقنىڭ خورىشى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى كۈندىلىك ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن سەرپ قىلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نوقۇل ھالدا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولمايدۇ.

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يۈرەك رېتىمىنى يۇقىرىلىتىدىغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت يۈرەك قان تومۇرىغا ئەڭ پايدىلىق. مەسىلەن: تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، رادىيو گىمناستىكىسى ۋە مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش، پەلەمپەيدىن چىقىش، تاغقا چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇللىرىدۇر.

  كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان نوقۇل يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ياكى دىيابېت، سېمىزلىك، قاندا ياغ كۆپىيىش كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، قان بېسىمى سەۋىيەسى 180/110mmHgدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، كەسپىي دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ.

  ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقسىز بولغان يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ۋاقتىنچە ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: تېخى كونترول قىلىنمىغان ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى(180/110mmHgدىن يۇقىرى)، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى ئەگىشىپ كەلگەن يۇقىرى قان بېسىمى ياكى تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۇقىرى قان بېسىمى مېڭە كېسىلى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، قوشۇلۇپ كەلگەن ياكى ھەرىكەت ئەزالىرى زەخىملەنگەن، مەسىلەن: بوغۇم ياللۇغى، مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.

  تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش يۇقىرى قان بېسىمىنى قوشۇمچە داۋالاش ھېسابلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ دورىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ھەرىكەت قىلىش مەزگىلىدە دورىنى خالىغانچە توختاتماسلىقى كېرەك. ئەگەر بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دورا بىلەن داۋالاش ياكى ھەرىكەت لايىھەسىنى تەڭشەش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى