تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

داۋالاش ئاپپاراتلىرى: تېز سۈرئەتتە ئۆز ئورنىغا كېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېڭى يۇقۇم ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئۈرۈمچىگە قاراشلىق رايونلار، شەھەردىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن «بىخەتەرلىك تېمى» بەرپا قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى نۇقتىلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانا، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى «نۆللەشتۈرۈلگەن»دىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى دائىملاشتۇردى.

  «دوختۇرخانىدىكى 280 داۋالاش خادىمنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى، كۈچلۈك، تولۇق قۇتقۇزۇش ئەترىتى سەپلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋالاش خادىملىرى مۇداپىئە بۇيۇملىرى، قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى خورىما ماتېرىياللار، ماددىي ئەشيالار تولۇق تەييارلاندى. ئالدىنقى قېتىملىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ھەربىر ئاغرىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى لى مىڭ.

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23تە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى شۈ يۈخۇڭ ئۆيىدە يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولدى. «مەن ئىدارىگە قايتىپ دىجورنىلىق قىلىشقا تىزىملىتىمەن.» ئۇ شۇنداق قىلچە ئىككىلەنمەستىن جاۋاب بەرگەنىدى. ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەچۈرمىشى بولغاچقا، بۇ قېتىم شۈ يۈخۇڭ تېخىمۇ تەمكىن ئىدى ھەم ئۆزىگە ئىشىنەتتى.

  17-چېسلا سەھەردە، ھەربىر داۋالاش خادىمىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشىدا، دوختۇرخانا خىزمىتى تەرتىپلىك يۈرۈشتى. ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۈ يۈخۇڭ بۆلۈمدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ، ئاغرىقلارغا دىياگنوز قويۇشقا ياردەملەشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.

  سائەت 14:50تە، شۈ يۈخۇڭ كېسەل كۆرسىتىدىغانلارنىڭ سانى ئازلىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك باردى. «ئالاھىدە مەزگىل بولغاچقا، يەنە نۇرغۇن ئاغرىقلار بىزنى ساقلاۋاتىدۇ» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، دوختۇرخانىدا يۇقۇم بۆلۈمى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇم بۆلۈمىدىكى بارلىق خادىملارنى باشلاپ، بالنىست بۆلۈمى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، ئامبولاتۇرىيە بۆلۈمى ۋە دوختۇرخانىغا كىرىش ئېغىزى قاتارلىق جايلاردا دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلدى، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ ئەتتى.

  قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ شەخسىي مۇداپىئەسى، ئامبۇلاتورىيە ئالدىن تەكشۈرۈش-ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش سۇپىسىنىڭ ئالدىن تەكشۈرۈش ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش تەرتىپى، دىياگنوز قويۇش ئۆيىدە بىر ئادەمگە بىر ئۆيدە بىرمۇبىر دىياگنوز قويۇش، ئاپتوماتىك كارتا بېجىرىش، قىممەت تولۇقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە نەتىجىسىنى بېسىپ چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى مۇۋاپىق قويۇش، دوختۇرخانىغا كىرگەنلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى تازىلاش ۋە يۆتكەش، پەرۋىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ بالنىست بۆلۈمىدە دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى تەكىتلەش... ۋېي لېينىڭ ئېيتىشىچە، قارىماققا مۇرەككەپ ھەم ئۇششاق-چۈششەك ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىشلار دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىدە كونترول قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىنچىكە نۇقتىلار ئىكەن. يېڭى يۇقۇم ۋەزىيىتى ئالدىدا، دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىدىكى يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ ئېتىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  17-چېسلا سائەت 23:30دا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە پات-پات نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرتۈشى قىلغىلى كېلىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.

  «بىز قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە ئايرىش كېسەلخانىسى ۋە ئۆتكۈنچى كېسەلخانا تەسىس قىلدۇق، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنلەرگە قارىتا كۆزىتىش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش، بالنىستتا ياتقان ئاغرىقلار، قارىغۇچىلار ۋە تەكشۈرتۈشنى خالايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق» دېدى بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش بۆلۈمى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دىڭ يۇڭنيەن.

  شۇ كۈنى تومۇزنىڭ ئىككىنچى كۈنى بولۇپ، داۋالاش خادىملىرى 3–دەرىجىلىك مۇداپىئەدە ئىدى، مارجاندەك ئاققان تەر تامچىلىرى كۆز ئاسراش ئەينىكىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشەتتى، ئۇلارنىڭ تەرىنى سۈرتكىدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى، ئۇلار پەقەت بىرلا ئىشنى ئويلايتتى: تېزدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا داۋالاپ، نەتىجىسى مەنپىي چىققان شەھەر ئاھالىلىرىنى بالدۇرراق ئۆيىگە قايتۇرۇش.

  «دوختۇرخانىمىز پۈتۈن كۈچنى چىقىرىپ، داۋالاش خادىملىرىنى ئاجرىتىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئەۋرىشكە يىغىش، تەكشۈرۈش سېپىگە تولۇقلىدى. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ئالدىدا، ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللاندى. پەقەت بىز بىر نىيەتتە ھەمكارىلاشساقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز» دېدى دىڭ يۇڭنيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى