تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر گوڭ تىڭتىڭ، شى شيەنپىڭ خەۋىرى، فوتوسى) «ھۆرمەتلىك ئاھالىلەر ياخشىمۇسىلەر، ھازىر مەھەللە پىدائىيلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، ۋاقتىڭلار بولسا، ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرساڭلار بولىدۇ…» 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭخې مەھەللىسى ۋېيشىن توپىدا پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، ناھايىتى تېزلا ئاھالىلەرنىڭ «مەن تىزىملىتاي! مەنمۇ تىزىملىتىمەن!» دېگەن ئىنكاسىغا ئېرىشتى.
مەھەللە خىزمەتچىسى گۇڭ تىڭتىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ئېھتىياج بولسىلا، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر دەرھال ياردەم قىلىدۇ، شۇ كۈنى كەچتە ئۈچ ئاھالە تىزىملاتتى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00غىچە، يەتتە نەپەر ئاھالە پىدائىيلار ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 ياشلىقلارمۇ، 20 ياشلىقلارمۇ، ھەرخىل ياشتىكىلەر بار».
ۋاڭ شەنشەن ئەنە شۇنداق قىزغىن ئادەم، ئادەتتە مەھەللىدە قانداق پائالىيەت بولسا، ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ۋېيشىن توپىدا مەھەللىگە پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ، دەرھال تىزىملىتىپ: «مەن ھەر ۋاقىت تەييار!» دېدى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10:00دا، قىزىل جىلىتكە كىيگەن، قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان مەھەللە پىدائىيلىرىنىڭ سىيماسى بەيشاڭ بەيلېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا پەيدا بولدى.
بەيشاڭ بەيلېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا 2900دىن ئارتۇق ئاھالە بار. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئاھالە ئولتۇراق رايوندىكى كۆكتات دۇكىنىدىن كۆكتات سېتىۋالدى.
ۋاڭ شەنشەن ۋە باشقا پىدائىيلار بىر تەرەپتىن نەق مەيداندا تەرتىپنى ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرگە ماسكىنى ياخشى تاقاپ، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ شەنشەن ۋە باشقا پىدائىيلار يەنە ئولتۇراق رايوندىكى ھەرقايسى بىنالارنى دېزىنفېكسىيەلەپ، كۆپچىلىككە توپلىشىۋالماسلىقنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ تۇردى.
«يۇقۇم مەزگىلىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى خېلىلا جاپا تارتتى، ئادەم قىس بولغاچقا، مەن بىركىشىلىك كۈچۈمنى چىقىرىپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشنى ئويلىدىم» دېدى ۋاڭ شەنشەن.
يەنە بىر پىدائىي مۇنداق دېدى: «ئادەتتە خىزمەت قىلغاچقا، مەھەللىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم چەكلىك ئىدى، ھازىر دەل كۈچۈمنى چىقىرىدىغانغا، تۆھپە قوشىدىغانغا ۋاقتىم بار بولدى».
«ئادەم كۈچى يېتەمدۇ؟ ياردەم كېرەكمۇ؟» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لوكېلۇن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما لېي ئەتىگەندىلا ئولتۇراق رايون ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ ئارزۇسى بويىچە پىدائىي بولغاندىن كېيىن، باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، مەھەللىگە ياردەملىشىپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) لوكېلۇن كوچىسى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شيا مۇنداق دېدى: «دەل مۇشۇنداق قىزغىن پىدائىيلار ئادەتتە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ سىڭىپ كىرىپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى زور دەرىجىدە قوللايدۇ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىشىگىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىدۇ».