تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز نيې نىڭ، جاڭ ۋەندې، جۇڭ جاۋفېڭ، چىن پېڭلار خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تومۇز كىرگەندىن باشلاپ، ھاۋا رايى ئۆزىنىڭ «قاتتىق ئىسسىق»ىنى كۆرسەتتى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36 بولدى، چۈشتە تېمپېراتۇرا ئەڭ ئىسسىق بولدى. تومۇز ياز كۈنلىرىدە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى، مەھەللىلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك تۇرمۇش كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ سالماق، تەرتىپلىك ھالدا «تومۇز» تۇرمۇشى ھالىتىگە كىرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولالايدۇ.
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىشەن يولى خەيلۇڭ شەنجۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، ئاھالىلەر كۆكتات سېتىۋېلىش، چېنىقىش ۋە ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تېز يوللانما ئالغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەر ئۆيلىرىدە جىم ئولتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئەستايىدىل ماسلىشىپ، ئىشىكتىن چىققاندا ماسكا تاقاپ، توپلىشىۋالمىدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېرداۋۋەن مەھەللىسى شاڭشۈي گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسىدا، ئاھالىلەر تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۇكانلاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالدى، تىجارەتچىلەر مالنى ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئادەملەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتتى. مۇخبىر جۇڭ جاۋفېڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۈندىڭ داگۇەن ئولتۇراق رايونىدا، تاللا بازىرىدىكى تىجارەتچى ئاھالىلەرگە مال يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. مۇخبىر نيې نىڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۈندىڭ داگۇەن ئولتۇراق رايونىدا، مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتچى خادىمى تومۇز ئىسسىقتىمۇ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئولتۇراق رايون مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. مۇخبىر نيې نىڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۈندىڭ داگۇەن ئولتۇراق رايونىدا، بىر كىچىك دوست ماسكا تاقاپ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئوينىماقتا. مۇخبىر نيې نىڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۈندىڭ داگۇەن ئولتۇراق رايونىدا، بىر ئانا بالىسى بىلەن بىللە سالقىندىماقتا. مۇخبىر نيې نىڭ فوتوسى