تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە بولدى، توردىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز دۈەن شياۋلى، جاڭ دۇڭمېي، سو رۇڭجىلار خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، تۈرلۈك قىممەت تولۇقلاش، جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  يېقىلغۇ گاز: كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېقىلغۇ گاز بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى دېيىلىدۇ) تەۋەلىك دائىرىسىدە تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئاسراشنى كۈچەيتكەندىن باشقا، كۆپ يوللار ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەرقايسى تىجارەت تور نۇقتىلىرى نورمال تىجارەت قىلىدىكەن، تور سىرتىدا گاز سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ئابۇنىچىلار مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى، پىدائىيلار بىلەن ئالاقىلىشسا، ئۇلار ھەرقايسى تىجارەت زالى، لىئەن تاللا بازىرى قاتارلىق ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ گاز سېتىۋېلىشقا ياردەملىشىدىكەن.

  شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز قىممەت تولۇقلىغۇچ، شۆليەنباۋ ئابۇنىچىلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئاپتوماتىك گاز سېتىۋالالايدۇ. شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز قىممەت تولۇقلىغۇچنى ئۆرنەك قىلىپ، ئابۇنىچىلار پەقەت ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى W96517نى قوشۇۋېلىپ، ئاپتوماتىك مۇلازىمەتنى تاللاپ، 新疆燃气APP دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ تىزىملىتىش ھەم IC كارتىلىق يېقىلغۇ گاز سائىتىگە باغلاپ، كارتىنى قىممەت تولۇقلىغۇچقا سالغاندىن كېيىن قىممەت تولۇقلاپ چىقىم قىلسا بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم مەھەللىلەرگە 435 دانە شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز قىممەت تولۇقلىغۇچنى ھەقسىز تارقاتقان بولۇپ، گاز سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ئابۇنىچىلار يەنە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشىك ئالدىدىلا قىممەت تولۇقلىغۇچ ئارقىلىق گاز سېتىۋالالايدۇ.

  سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىغا ئېھتىياجلىق شەھەر ئاھالىلىرى، ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96517گە تېلېفون بېرىپ ئالدىن كېلىشسە، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرى 24 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى يەنە تۇرۇبا تورىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، چارلاپ ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىل ۋە ئادەملىك چارلاپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «قوش قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدىكى چارلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنىڭ گاز سائىتىنى رېمونت قىلىش كەسپى قاتارلىقلارنى نورمال قانات يايدۇرىدۇ.

  توك بىلەن تەمىنلەش: توردا، تور سىرتىدا كۆپ خىل ھەق تاپشۇرۇش شەكىللىرى ئارقىلىق، ئابۇنىچىلارنىڭ توك سېتىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى مۇھىم سورۇنلارنى توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالاقىنى ساقلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھەرقايسى تىجارەت زاللىرى نورمال ۋاقىتتا تىجارەت قىلىش بويىچە كەڭ خېرىدارلارنى توك سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تور سىرتىدا ھەق تاپشۇرۇش شەكىللىرىدىن: تىجارەت زالى، ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالى، لىئەن تاللا بازىرى، بەيشىليەن، بيەنلىچۈەن، باديەنبەن تاللا بازىرى قاتارلىق ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش تور نۇقتىلىرى.

  توردا ھەق تاپشۇرۇش شەكىللىرىدىن: توردىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى سودا شەھەرچىسى «电费网银»، ۋېيشىن، جىفۇباۋ، 电e宝 قاتارلىقلار. كارتىسىز توك سائىتى ئابۇنىچىلىرى بىۋاسىتە توردىكى يوللار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ، كارتىلىق توك سائىتى ئابۇنىچىلىرى ئاۋۋال 2927110 ياكى 95598 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاش كەسپىنى ئاچقۇزۇشى كېرەك. ناۋادا يىراق مۇساپىلىك كارتىسىز توك سېتىۋېلىش كەسپىنى ئاچقان شەھەر ئاھالىسى ۋېيشىندا چىقىم قىلغاندا، ئاۋۋال ۋېيشىننى ئېچىپ «国网新疆电力有限公司» ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ قوشۇۋېلىپ، سول تەرەپ ئاستىدىكى «我的用电» دېگەن ئىستوندىن «线上交费»نى بېسىپ كىرىپ، ئاندىن 无卡购电نى بېسىپ، ئارقىدىن 10 خانىلىق ئابۇنىچىلار رەت نومۇرى ۋە ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، مۇقىملاشتۇرۇشنى باسسا ھەق تاپشۇرۇش كەسپى تاماملىنىدۇ.

  سۇ بىلەن تەمىنلەش: 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش-چىقىرىۋېتىش، جىددىي رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ھەرۋاقىت ياخشى ئىشلەش

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ ھەرقايسى رايونلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شەھەرنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ خىزمەتچى خادىملار 24 سائەت ئىش ئورنىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ، سۇچىلىق قىزىق لىنىيەسى ئەۋەتكەن رېمونت قىلىش تالونىنى(سۇ توختاش ۋە سۇ قېچىش مەسىلىلىرى) تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ئابۇنىچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كونكرېت ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ دەلىللەيدىكەن، رېمونتچى خادىملار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تەۋەلىكتىكى مەھەللە، مۈلۈك باشقۇرۇش شىركەتلىرىگە ماسلىشىپ، خادىم، ئاپتوموبىللارنىڭ دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك سۇ ئىشلىتىش كاشىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىيانشان رايونى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىكى بىر مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى قەرز بولۇپ قالغان ئابۇنىچىلارغا سۇ توختىتىشنى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلماي، ئاھالىلەرنىڭ نورمال سۇ ئىشلىتىشىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت مەركىزى، سۇ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەركىزى، تۇرۇبا تورىنى جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نورمال خىزمەت قىلماقتا، ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشتۈرۈش، تەڭشەش مەركىزى شەھەر رايونىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى 24 سائەت تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ تۇرىدۇ، ھەرقايسى رايونلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى.

  شەھەر ئاھالىلىرى سۇغا ئالاقىدار ھەرقانداق مەسىلە بولسا (كەسىپ بېجىرىشتىن مەسلىھەت سوراش، كاشىلا مەلۇم قىلىش قاتارلىقلار)  24 سائەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى: 2648888-0991غا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى