شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رىيۆشىنگۇاڭ كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شۈ چىڭخې تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى 120 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى يېتەرلىك، باھاسى مۇۋاپىق بولماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار يولىدىكى بەيساۋتاڭ دورىخانىسىدا، خىزمەتچى خادىملار ماسىكىلارنى ساناپ سانىنى ئېنىقلىماقتا. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ دورا دۇكانلىرىدا ماسكىنىڭ ئامبار زاپىسى يېتەرلىك بولدى. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى