شىنجاڭ جيۇدىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ بىر كېچىدىكى ئالدىراشچىلىقى
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ، ۋاڭ جوۋ، يىن تۇڭيۇەن، جانات تولكېن خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، شىنجاڭ جيۇدىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆكتات سودا مەركىزى ئادەتتىكى كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بازىرىمىزدا بۈگۈن 3000 توننا ئەتراپىدا كۆكتات سېتىلدى، ئىككى كۆكتات مەركىزى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان 30 خىلدىن ئارتۇق كۆكتات تەمىناتى يېتەرلىك» دېدى بۇ سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ليۇ گۇاڭمىڭ.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، مۇخبىرلار شىنجاڭ جيۇدىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ ئالتە كىرىش-چىقىش ئېغىزىدا، بازارغا كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك دېزىنفېكسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تالوننى بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇۋاتقانلىقىنى، بازاردىكى نۇرغۇن خىزمەتچى خادىمنىڭ مال ئىشلەپچىقىرىلغان جاي، مال قاچىلانغان ئاپتوموبىل، توشۇش يولى، سودا خادىملىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر-بىرلەپ تىزىملاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«كۆكتات سودا مەركىزى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەچلىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، ئىلگىرى 150تىن ئارتۇق ئادەمنى ئۈچ ئىسمېناغا ئورۇنلاشتۇراتتۇق، ھازىر بىز 320 ئادەمنى كۆپەيتىپ توختىماي چارلاۋاتىمىز» دېدى ليۇ گۇاڭمىڭ.
كۆكتات توشۇيدىغان تىجارەتچىلەرمۇ ئادەتتىكى كۈنلەردىن خېلى بالدۇر كەلدى. سەھەر سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆكتات توشۇشقا كەلگەن كىچىك يۈك ئاپتوموبىللىرى كەينى-كەينىدىن كۆكتات سودا مەركىزى مەيدانىغا كىرىپ بولدى، تىجارەتچىلەر ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىنى ھەيدىگىنىچە كۆكتات يايمىلىرى ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.
«بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بالدۇر كەلدى، دائىم بۇ يەردىن كۆكتات سېتىۋالىدىغان كۆكتات دۇكىنىنىڭ لاۋبېنى بايا ماڭا تېلېفون قىلىپ، دۇكىنىدىكى كۆكتاتلارنىڭ تېز سېتىلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن كۆپرەك سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا <ھودۇقماڭ، مەندە كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تولۇق> دېدىم» دېدى تىجارەتچى جوۋ شيەنجۇڭ كۆكتاتلارنى رەتلىگەچ.
جوۋ شيەنجۇڭنىڭ شۇ كۈنى ساتقان كۆكتاتلىرى ئاساسلىقى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە شوخلىنى ئاساس قىلىدۇ، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن، شوخلا ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)نىڭ ئەنەنچۈي بازىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، يەنە بىر قىسىم پىياز، زەنجىۋىل، سامساقلار ئىچكىرىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تەمىنلەش جەھەتتە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، ھەممىسى يېتەرلىك.
سائەت 4تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم شوخلىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، جوۋ شيەنجۇڭ ئۆيىگە قايتماقچى بولدى، «ئادەتتىكىدىن ئۈچ سائەتكە يېقىن بالدۇر بولدى» دېدى ئۇ.
ليۇ گۇاڭمىڭ بىر تەرەپتىن چارلىغاچ بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چارلاپ تەكشۈرۈشىدىن باشقا، بىز يەنە كۆكتات باھاسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل. كۆكتات باھاسى مۇۋاپىق دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، بىز قاتتىق جازالاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ <كۆك-تاق>ىنى ياخشى ساقلايمىز».