تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دا مەن بار

   

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىداۋان كوچا باشقارمىسى گۇەنئەي مەھەللىسىدە، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئۆيلىرىگىچە ئاپىرىپ بەردى.

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر رېن چۇنشياڭ): بۇ بىرنەچچە كۈندە كۆكتات، دورا، گۈرۈچ، ئۇن سېتىۋېلىشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىردا سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەيمىز.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى جېنئەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى شەنرۇن مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاھالىلەرگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىداۋان كوچىسى گۇەنئەي مەھەللىسىدە، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئۆيلىرىگىچە ئاپىرىپ بەردى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى گۇەنيۇەن يولى مەھەللىسى گېلىن كىچىك بازىرىدىكى ئولتۇراق رايون ھويلىسىدا سەي-كۆكتات دۇكىنى يوق بولۇپ، مەھەللە پىدائىيلىرى بىر كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىدىن يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ ئولتۇراق رايونغا ئاپىرىپ، ئاھالىلەرنى تەمىنلىدى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى گۇەنيۇەن يولى مەھەللىسى گېلىن كىچىك بازىرىدىكى ئولتۇراق رايون ھويلىسىدا سەي-كۆكتات دۇكىنى يوق بولۇپ، مەھەللە پىدائىيلىرى بىر كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىدىن يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ ئولتۇراق رايونغا ئاپىرىپ، ئاھالىلەرنى تەمىنلدى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسىدىكى بىر مەھەللە كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، ھەرخىل  كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك ماللىرىنىڭ تۈرلىرى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ليۇداۋان كوچا باشقارمىسى تيەنپىڭ مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىۋالماقتا. 

7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى چىفاڭ كوچىسى ۋېنچۈەن مەھەللىسىدىكى پىدائىي ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىۋالغاندىن كېيىن، ۋېنچۈەن مەھەللىسىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ قايتماقتا. 

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى بەيۋەنجۇاڭ مەھەللىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى ھەم مەخسۇس تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى يىغىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. 

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ كوچىسى بېيشەن مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار كۆكتات دۇكىنىدىن كۆكتات سېتىۋالغاندىن كېيىن، كۆكتاتلارنى ئايرىپ ئاھالىلەرگە ئاپىرىپ بەردى.

7ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېيخۇلياڭ كوچىسى چاڭشېڭشياڭ مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرنى تەرتىپلىك ھالدا كۆكتات سېتىۋېلىشقا يېتەكلىدى.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى جېنئەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى شەنرۇن مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ، تېز يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 

7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ كوچىسى ۋېنچۇەن مەھەللىسى 161 نەپەر پىدائىينى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، بىر قىسىم پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش خادىمى بولدى. 53 نەپەر ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش پىدائىيسى تەۋەلىكتىكى 210 ئاھالىگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

(سۈرەتنى شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)


مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى