تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12دىن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 13نى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 18نى دوكلات قىلغان بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار.
7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 30ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 41ى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ھازىر 2705 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.