تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى

يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇمغا قارىتا، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆرۈلۈشى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ، بىزگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھ سىگنالى چالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، جاپالىق جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى تېزدىن توسۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەڭ دائىرىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قاتتىق قانات يايدۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغانلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقانلار، بىۋاسىتە ئۇچراشقانلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئامما خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى زورايتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى، ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈرۈمچىگە مەدەت بېرىپ، ماسلىشىپ، كۈچەپ ئىشلەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قالايمىقان جەڭ قىلماي، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇقىم، سىجىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى