تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى

يېڭى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قارىتا

ئۈرۈمچى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت نۆلدىن 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 12گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن بەشى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن سەككىزى يېڭىدىن كۆپەيگەن. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت نۆلدىن 17 - كۈنى سائەت 12گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئالتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 11 بولۇپ، ھەممىسى مۇۋاپىق داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشكە ئېرىشكەن.

بۇ قېتىملىق يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، نۆۋەتتە يېقىندىن ئۇچراشقان 135 كىشىگە قارىتا مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش تەدبىرى قوللىنىلدى.

تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشى، يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توستى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر رۇي باۋلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كىشىلەر بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك ئالاقزەدە بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار تەشۋىقاتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

رۇي باۋلىڭ كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئادەتتە سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاشنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى، توپلاشماسلىقى، بىخەتەر جەمئىيەت ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلىشى، ئۇچراشقاندا قول ئېلىشماسلىقى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە بۇيۇملارنى ئامال بار تۇتماسلىقى؛ تۇرمۇشتا قولنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇشى، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، شەخسىي مۇداپىئەلىنىش ۋە مۇھىت تازىلىقى، دېزىنفېكسىيەلەشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئاھالىلەر بەدىنىدە بىئاراملىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا مەھەللىگە مەلۇم قىلىشى، مۇداپىئەلىنىش تەلىپى بويىچە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى مەھەللە، ھەر قايسى ئايرىش نۇقتىلىرى قاتتىق باشقۇرۇپ، كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، ئايرىش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى