تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە بازار تەمىناتى تولۇق، باھا تەكشى، مۇقىم بولدى

7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى بىر مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا كۆكتات تاللىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈ شى، جاۋ يۆ، يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ زاپىسى تولۇق، تەمىناتى مۇقىم، باھاسى تەكشى، مۇقىم بولماقتا.

مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، تاۋارلارنى بازارغا سېلىشنى كۆپەيتىش، ئامبار زاپىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، دوستلۇق گۇرۇھى تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللىشىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، مېۋە - كۆكتات، گۆش قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى كۆپلىگەن تەمىنلەش يوللىرى ئارقىلىق تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بۇ گۇرۇھنىڭ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاپىسى كۆلىمى ئۈچ ئايلىق بازار تەمىناتىنى قاندۇرالايدۇ. دوستلۇق گۇرۇھى يەنە توردا مال سېتىش، تېلېفوندا زاكاز قوبۇل قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ماللارنى تور سىرتىدا ئائىلىلەرگىچە بىرتۇتاش تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. «بىز دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش يوللىرى ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش ۋە باھانى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، قوشۇمچە تاللا بازار شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ چىڭمېي.

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق يىغىلىش - تارقىلىش ئورنى ۋە بۆلۈپ سېتىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 12دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جيۇدىڭ بازىرىدا سودا قىلىنغان كۆكتات مىقدارى 3000 توننا ئەتراپىغا يەتكەن، شەھەر ئاھالىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان 30 خىل ئادەتتىكى كۆكتات ۋە 20 نەچچە خىل مەخسۇس تەمىنلىنىدىغان كۆكتاتنىڭ مال مىقدارى تولۇق، باھاسى تەكشى، مۇقىم بولغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات ئىستېمال ئېھتىياجى تەخمىنەن 1500 توننا ئىكەن.

«بىز سودا ئەھۋالىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، ھەر كۈنى ئاساسلىق مېۋە - كۆكتات مەھسۇلاتلىرى سودا ئۇچۇرلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىمىز ھەم بازارنىڭ ئالدىنقى ھەرىكەت ھالىتى ۋە مۇۋاپىق تەھلىل تەكلىپى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيمىز.» شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چىن جۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئىشچى - خىزمەتچىلەر، تىجارەتچىلەر، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ۋە بىللە كەلگەنلەرنى دائىرىلەشتۈرۈپ رايونغا ئايرىپ باشقۇرغاندىن باشقا، يەنە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ۋە بىللە كەلگەنلەرنى بازارغا كىرىشىنى تىزىملاش، ۋاكالىتەن ھەيدەپ توشۇشتىن تارتىپ ياتاق، تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ بازاردىن ئايرىلىشىغىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىمىز».

بېييۈەنچۇن بازىرىدىكى سودىگەرلەر مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ياخشى تەمىنلەش تەرتىپىنى ساقلىدى. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردىن باشلاپ، بېييۈەنچۇن بازىرىدىكى 270تىن ئارتۇق تىجارەتچى كېچىلەپ كۆكتات توشۇپ، كۆكتات زاپاس مىقدارىنى 200 توننىغا يەتكۈزدى. «يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ساقلاش تەس بولغاچقا، تىجارەتچىلەر ئاساسەن شۇ كۈنى توشۇپ كېلىپ، شۇ كۈنى ساتىدۇ. بىز بارلىق تىجارەتچىلەردىن باھانى ئېنىق يېزىشنى، كۆكتات مەيدانىغا كىرگەندە چوقۇم ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ئىسپاتى ياكى مال كىرگۈزۈش تالونى بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى ئۈرۈمچى بېييۈەنچۇن (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېييۈەنچۇن بازار ئۇچۇرى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى لى شۆشەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 532 مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى (مەھەللە قوي - كالا گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆكتات، قوي - كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش كارخانىلىرى بازار ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، زاپاس تاۋارلارنى سېتىۋېلىش - باشقۇرۇش، تەڭشەپ ئاجرىتىش - توشۇش ۋە بازارنى تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي شەھەردىكى بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا تاۋار ياساش - سېتىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى