تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاقزەدە بولۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، ئىدىيەدە قەتئىي بىخۇدلۇق قىلمايلى

شېن ياپىڭ

ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆرۈلگەنلىك خەۋىرى كىشىلەر قەلبىدە ئازدۇر - كۆپتۇر كۆلەڭگە پەيدا قىلدى. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇمغا جاپالىق تاقابىل تۇرۇشتا توپلىغان تەجرىبىلەر ئاساسىدا، بىز ئىدىيەدە بىخۇدلاشماي، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا تۇتساقلا، ئالاقزەدە بولۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.

سوغۇققانلىق بىلەن قارىساق، بۇ مەيدان يۇقۇمغا قارشى كەسكىن جەڭدە، بىز ئاللىقاچان پۇختا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى شەكىللەندۈردۇق، تۇرمۇش ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىمۇ يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە. بۇنىڭغا قارىتا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تامامەن ئىشەنچ تۇرغۇزسا بولىدۇ. ھەرقانداق ئالاقزەدىلىك كەيپىياتى، زىيادە ئىنكاستا بولۇشنىڭ ھېچقانداق ئىشقا پايدىسى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاۋارىچىلىك، توسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

روھىي ھالەتتە تەمكىن بولايلى، لېكىن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بىخۇدلاشساق بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى كۈرىشىمىز بىر مەيدان جاپالىق ھەم كەسكىن جەڭ. ھەرقانداق بىخۇدلۇق، بىپەرۋالىقنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بوشىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ۋىرۇسقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.

جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەربىرىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار، قولنى پات - پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىق قاتارلىق شەخسىي تازىلىق ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ساقلاشنىڭ ئۆزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئەڭ كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلىك ۋە تۆھپە قوشقانلىق.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى