شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يېتەرلىك، بىخەتەر بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ماسكا، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيەلەش تۈرى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 60تىن ئارتۇق كارخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقارماقتا، بازار تەمىناتى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.
مۇخبىر بىرقانچە دورا، تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئامبار قالدۇقى بىرقەدەر يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرقايسى يوللار ئارقىلىق سېتىۋېلىپ، نۆۋەتتە بازارغا تەرتىپلىك سېلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.
«شىركىتىمىز زەنجىرسىمان دۇكانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ماسكا ئامبار قالدۇقى 1 مىليون دانىگە يېقىنلىشىدۇ، ئىچكىرى رايونلاردىن زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان 3 مىليون دانىگە يېقىن ماسكىمۇ يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسپىرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئامبار قالدۇقىمۇ ئىنتايىن يېتەرلىك» دېدى شىنجاڭ بەيساۋتاڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لوۋ فاڭ.
7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردىلا، شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىر ئالاھىدە ياردەمچىسى ياڭ جۈن ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرقانچە زەنجىرسىمان دۇكان ئەۋەتكەن سۈرەتلەرنى تاپشۇرۇۋالدى، ھەرقايسى دۇكانلارنىڭ تىجارىتى نورمال بولۇپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىشىكتىن كىرگەندىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا تىزىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن، مال سېتىۋېلىش مۇھىتى تەرتىپلىك بولغان.
«بۇ بىرنەچچە كۈندە، بازارنىڭ ماسكا قاتارلىق تېببىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجىدا بەلگىلىك ئېشىش بولدى، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، بىز ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۈچ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 2 مىليون دانە ماسكىنى جىددىي زاكاز قىلىپ سېتىۋالدۇق، مال كەلگەندىن كېيىن ھەرقايسى دۇكانلارغا سالىمىز. ئىچكىرى رايونلاردىن سېتىۋالغاندىن سىرت، يەرلىكتىكى تېببىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىمۇ بىزنى مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ياڭ جۈن.
7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىرقانچە دورا دۇكىنىنى زىيارەت قىلدى، جيەنكاڭ يولىدىكى بىر دورا دۇكىنىدا، مۇخبىر ماسكىنىڭ پوكەيدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا تىزىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆردى؛ شىنجاڭ شىنتې دورىگەرلىك زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ بېيمېندىكى بىر دۇكىنىدا، مۇخبىر مال جازىسىغا ماسكا، ئىسپىرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى قاتارلىقلار تىزىلغان بولۇپ، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى.
«بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى بازىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، سۈپەت ئۆتكىلىنىمۇ چىڭ ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش، ئۈسكۈنە ئىشلىتىش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلايمىز» دېدى جاڭ يۈشياڭ.