7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 00:00دىن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12:00گىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن17سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى.
ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش «جەڭ مەزگىلى ھالىتى»گە كىردى، تۈرلۈك يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر توختىتىلدى، مەھەللىلەرگە قارىتا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۆتكىلىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، ساغلاملىق كودىنى دەلىللەش، چېگرادىن كىرگەنلەرنى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرىنى زۆرۈر بولمىسا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماسلىققا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى.
«خەلق گېزىتى» تېرمىنالىدىن تەرجىمە قىلىندى