تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

24 سائەتتە 787 زاكاز قوبۇل قىلىندى، بۇ تاللا بازىرى مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، دو شىڭجۈن، جانات تولى): «يان تېلېفوندا زاكاز چۈشۈرسىڭىز، چوڭ تاللا بازىرىدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ يۈن قوشۇۋالغان تاللا بازىرى كىچىك پىروگراممىسىدا پۈتۈن شەھەر بويىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقىنى بايقىدى. يېمەكلىكتىن سىرت، يەنە ئائىلىدە لازىملىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ بار بولۇپ، سېتىۋالماقچى بولغان بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىنى ۋېيشىن توپىدا  ئەۋەتىپ، مال ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرۇش تېلېفونىنى ساقلىسىلا بولىدىكەن، بۇ قولايلىق ھەم بىخەتەر ئىكەن.

  شۇ كۈنى سائەت 16دە، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق جەنۇبىي يولىدىكى دوستلۇق تاللا بازىرىغا كەلدى، ۋاقىتلىق زاكاز قوبۇل قىلىش نۇقتىسىدا، تاللا بازىرىنىڭ بەش خىزمەتچىسى زاكازنى تۈرگە ئايرىۋاتاتتى. مۇخبىرلار كومپيۇتېر ئارقا سۇپا خاتىرىسىدىن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 0دىن سائەت 16دىن 20 مىنۇت ئۆتكىچە، دوستلۇق تاللا بازىرىنىڭ 500دىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆردى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ دوستلۇق(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دوستلۇق گۇرۇھى دېيىلىدۇ) قارىمىقىدىكى بارلىق تاللا بازارلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ دېزىنفېكسىيە-مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەپ، خېرىدارلار بىلەن ئۇچراشماي تاۋارلارنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەمدە ماللارنىڭ تولۇق بولۇشىغا ۋە باھاسىنى ئۆستۈرمەسلىككە ۋەدە بەردى. 24 سائەت ئىچىدە قوبۇل قىلىنغان زاكاز بەلگىلىك سوممىغا توشقاندا، ھەرقايسى دۇكانلار ئەتراپتىكى بەش كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بەردى.

  «ۋەي، ياخشىمۇسىز، بۇ دوستلۇق تاللا بازىرى، باياقى زاكازىڭىزنىڭ ئادرېسى... » 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، دوستلۇق سودا سارىيى تىجارەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى چېن لېي گۇمانىي زاكازنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان بولۇپ، 10 نەچچە سائەتتىن بۇيان، ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى. «بۇنداق ئالاھىدە مەزگىلدە، بىز بارلىق كۈچىمىز بىلەن ھەربىر خېرىدارغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، مەنمۇ خېرىدارلارنىڭ مېلىنى بالدۇرراق قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېزدىن تەكشۈرۈپ چىقىمەن» دېدى چېن لېي.

  مال سەپلىگۈچى خادىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوستلۇق گۇرۇھى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خەن ۋېيخۇا زاكاز تالونىنى ئالغاچ: «توردىكى كىچىك پىروگراممىدىن باشقا، يەنە 27 ۋېيشىن توپى بار، ھەربىر توپتا 400دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئەمەلىيەتتە بېسىمىمىز ئىنتايىن ئېغىر» دېدى.

  «شىركىتىمىزدىكى رەھبەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولۇپ، بۇ قېتىمقى مال يەتكۈزۈپ بېرىشكە 140 نەچچە كىشى قاتناشتى، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يەتكۈزدى. كۆكتات تاللىغاندا چوقۇم يېڭىسىنى تەييارلايمىز، ئەگەر گۆش زاكاز قىلغان بولسا، بىز يەنە مۇز خالتىسى سېلىپ، مالنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى دوستلۇق گۇرۇھى دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى چېن شى.

  بېيجىڭ جەنۇبىي يولىدىكى شۇشياڭيۇەندە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ خانىم دوستلۇق تاللا بازىرىنىڭ خېرىدارلارغا مال يەتكۈزۈپ بېرىش توپىنىڭ ياردىمىدە ئۆيىگە كېرەكلىك كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە بالىلارغا كېرەكلىك سۈت پاراشوكىنىمۇ سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە مال سېتىۋالغاندا، تاللا بازىرىنى ئايلىنىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۆيدە ئولتۇرۇش جەمئىيەتكە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىدۇر.» تاللا بازىرى ئۇچراشماي مال يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندى.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 24كىچە، بۇ تاللا بازىرى 787 زاكاز قوبۇل قىلدى، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، يېڭى زاكاز يەنىلا داۋاملاشماقتا...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى