تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە، پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرىدۇ، 10 ئۆلكە، شەھەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى ياردەم بېرىدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرتۈشنى خالايدىغانلارنى تولۇق تەكشۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرىدۇ

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

(ما لياڭ فوتوسى)

تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملىنىدۇ:

بىرىنچى باسقۇچتا، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقانلار، قىزىغان ئاغرىقلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى بولغان مەھەللىلەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەردە %100 تەكشۈرۈش نىشانى تاماملىنىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچتا، باشقا مەھەللە ۋە ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش پىلانلاپ شۇ دەرىجىلىك داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى تاماملايدۇ.

بۇ قېتىمقى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق (بىڭتۇەن، ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە 25 ئاپپارات ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىدىن 12سى، ئۈرۈمچى شەھىرى، رايون (ناھىيە)غا قاراشلىق داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىدىن 9ى، ئۈچىنچى تەرەپ تېببىي تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن 4ى بار. گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال تارقىتىش [2020] 181-نومۇرلۇق) ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 5:1 ئارىلاش تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەكشۈرۈلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 10 ئۆلكە، شەھەردىكى 10 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدىكى 200دىن ئارتۇق خادىمنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.

شەھەر ئاھالىسى، دوستلار تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلىپى بويىچە بەلگىلەنگەن ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا ئەۋرىشكە ئالدۇرۇپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، بىر مېتىر بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاپ، توپلىشىۋالماي، يىغىلىۋالماي نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تەرتىپلىك ماسلىشىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى