تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەھەللە ئاھالىلەرگە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا، ۋېي خۇڭپىڭ، فۇ شياڭلۇڭ): 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساڭفاڭگۇ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋېي شيەنيۇ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن ئۆيۈمدە توك توختاپ قالغان، بىر تېلېفون قىلىشىم بىلەن، ئۇزاق ئۆتمەيلا مەھەللە پىدائىيلىرى كارتىغا توك قاچىلاپ ئۆيۈمگە يەتكۈزۈپ بەردى. مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولغاچقا، سۇ، توك، گاز ھەققى تاپشۇرۇشتىن غەم قىلمايمىز».

    «خەييەن ئاچا، بۇ مەھەللىمىزدىكى ئاھالىنىڭ توك كارتىسى، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، بۇنىڭغا 200 يۈەنلىك توك قاچىلاپ بەرسىڭىز!» «خەييەن ئاچا، بۇ تالونغا ئاساسەن مالنى تەييارلاپ بەرگەن بولسىڭىز، مەن دەرھال ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرەي.»... ۋېي شيەنيوۋ ئولتۇرۇشلۇق ئەينەك زاۋۇتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئالدىدىكى خەييەن تاللا بازىرىدا، ئالدىراش مەھەللە پىدائىيلىرى بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. «ئۇلار خىزمەتتە ئىنچىكە ھەم ئەستايىدىل، ئاھالىلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا ئېنىق ئېسىدە ساقلاپ، ھەمىشە ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرىدۇ» دېدى دۇكان خوجايىنى دۇ خەييەن، ئادەتتە زاپاس مال مىقدارى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئاساسىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تولۇق، مال مىقدارى يېتەرلىك ئىدى.

    «بىزنىڭ مەھەللىدە بەش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۈندىلىك مۇلازىمەت پىدائىيلار ئەترىتى مەخسۇس ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئاھالىلەرنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ سەمىمىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدۇرىدۇ.» خەييەن تاللا بازىرىدا ئاھالىلەرگە توك پۇلى تاپشۇرۇۋاتقان ساڭفاڭگۇ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى روشەنگۈل نىيازنىڭ قولىدا ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ سېتىۋالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار ئىدى.

    تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات ۋە ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگۇۋ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇرۇڭ مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، كۆكتاتلارنى ئولتۇراق رايون ھويلىسىغا ئاپىرىپ ساتتى. فۇرۇڭ مەھەللىسىنىڭ شىمالىي ھويلىسىدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆكتات ۋە ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى رەت بويىچە تىزدى، تاللاپ سېتىۋالغىلى كەلگەن ئاھالىلەر ماسكا تاقاپ، بىر مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالدى.

    ئاھالە گو جۈيپىڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەمىنلىگەن كۆكتاتلارنىڭ تۈرلىرى مول، باھاسىمۇ ئەرزان» فۇرۇڭ مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دائىملىق كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ يېتەكچى باھاسى بويىچە سېتىلىدىكەن، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مال مەنبەسى يېتەرلىك ئىكەن.

    «سىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ ماڭا دورا ئەكىلىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ تارماق رايونى شياڭيۈن مەھەللىسىنىڭ 71 ياشلىق ئاھالىسى سۈي جيەن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەھەللە پىدائىيلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ.

    «ھەدە، تۇرمۇشتا ھەرقانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا بىزگە ئېيتىڭ، بىز چوقۇم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ بېرىمىز!» دېدى شياڭيۈن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، «مەنتيەنشىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى لى لىڭ مومايغا.

  ياشانغانلارغا، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شياڭيۈن مەھەللىسى «مەنتيەنشىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇردى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى 34 ئائىلىلىك ياشانغان كىشىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئىسسىق تاماقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شياڭيۈن مەھەللىسى يەنە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بېرىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى