تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى

7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە، شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىغا لىققىدە قاچىلىق تاماق بېسىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): ئولتۇراق رايونلاردا كۆكتات دۇكىنى بولمىسا، كىچىك دۇكانلارمۇ بولمىسا، يېپىق ھالەتتىكى مەزگىلدە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى قانداق سېتىۋېلىش كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋاقىتلىق توختاش كۇنۇپكىسى تېخى بېسىلمىدى.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى چاڭروڭ لىتۇڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ مىڭجيې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى 79 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ كۆكتاتلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە مەسئۇل، بەزىلىرى ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىدە، بەزىلىرى ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىدا، كۆكتات دۇكانلىرى يوق ئولتۇراق رايونلارغا كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىز ئولتۇراق رايون خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە، ھەر كۈنى بىر، ئىككى سائەت ئولتۇراق رايونلارغا بېرىپ كۆكتاتلارنى مەركەزلىك ھالدا سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.»

 ئۈرۈمچى جياخې ۋەنشىشىڭ سودا چەكلىك شىركىتى مىدۇڭ رايونىدىكى 47 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە مەسئۇل، «بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ نورمال تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 60تىن ئارتۇق دۇكان خادىمىمىز دۇكاندا قوندى. 47 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا تايىنىپ، ئەتراپتا يەنە 108 ۋاقىتلىق بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆكتات سېتىۋالالىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.» دېدى ئۈرۈمچى جياخې ۋەنشىشىڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۈن جېن.

 مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى كۆكتاتچىلىق كەسپىي جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دەل يەرلىكتىكى كۆكتاتلارنىڭ زور مىقداردا بازارغا سېلىنىدىغان پەسلى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكتاتلارنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 3509 توننا ئەتراپىنى ساقلىغان، پۈتۈن شەھەردىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى كۆپ قىسىم ئولتۇراق رايونلارنى قاپلىغان بولۇپ، كۆكتات دۇكىنى يوق ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا، مەھەللىلەر كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئولتۇراق رايونلارغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرغان.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى قاچىلىق تېز تاماقنى پىششىقلىماقتا.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوستلۇق تاللا بازىرى، ئەيجيا تاللا بازىرى، خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىمۇ ئولتۇراق رايونلارغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئەيجيا تاللا بازىرى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەتتە دۇكاندا ئومۇميۈزلۈك ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ تالون چۈشۈرۈپ، سېتىۋالغان مېلى 200 يۈەنگە يەتسە، دۇكان بىلەن بولغان ئارىلىقى بەش كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ھەقسىز تەقسىملەپ يەتكۈزىدۇ.

  شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى مەركىزىي ئاشخانىسى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈرۈش قاچىلىق تېز تاماق زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، غىزالىنىشقا ئېھتىياجى بولغان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خاتىرجەم تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەتتىكى 200دىن ئارتۇق ئىشچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ قاچىلىق تاماق پىششىقلاپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس ئاپتوموبىلى بىلەن خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا، كارخانىلار يەنە كۆكتات سوۋغاتلىقلىرىنى ئولتۇراق رايونلارغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خېرىدارلار توردا كۆكتات سوۋغاتلىقى سېتىۋالسا بولىدۇ، شۇ كۈنى جەمئىي 100 كۆكتات سوۋغاتلىقى تەقسىملەپ يەتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى