مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا قاتتىق، تېز تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ ھەممىسى «ئستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداپ، مەسىلىنى تېز ھەم قولاي ھەل قىلىش يولى» تەسىس قىلدى، پۈتۈن شەھەردىكى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، پۇقرالار ئەرز قىلغان مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشىنى قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا قارىتا، بىردەك مۇناسىپ قانۇن-نىزاملاردىكى يۇقىرى چەك بويىچە جازا بېرىلىدىكەن ھەمدە قانۇنغا خىلاپ بازار سۇبيېكتى بىنورمال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، نورمال بازار تىجارەت تەرتىپى قوغدىلىدىكەن.
نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى ماسكا، ئىسپىرت قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھا ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، باھا ئەرز-شىكايەتلىرىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيا تىجارەتچىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، سودا ساراي ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى كۆكتات تىجارەتچىلىرىنىڭ مال باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تىجارەتچىلەردىن باھانى ئېنىق يېزىپ قويۇشنى، سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى نىسبىتىنى %35 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھا تەكشۈرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئەسكەرتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. ئىستېمالچىلار مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش ئەھۋالىنى بايقىسا، 12315كە تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلسا بولىدىكەن.