تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ لىنلىن): دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا، يېشىغا توشمىغان بالىلار تېخى تولۇق يىتىلىپ بولمىغاچقا، ماسكا تاقاپ قويسا ئاسانلا نەپەس قىيىنلىشىدۇ. قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ؟ بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاساسلىقى ۋەسىيلىك قىلغۇچى ئۆزىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق مەجھۇل مۇداپىئەلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ۋاقىتلىق قول تازىلاشنى قولنى ئەستايىدىل يۇيۇشنىڭ ئورنىدا قوللانسا بولمايدۇ.

  ۋاڭ چۈەن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەردى: ۋەسىيلىك قىلغۇچى بالىغا ھەمراھ بولۇپ ئويناشتىن ياكى بالىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولىنى ئاز دېگەندىمۇ 20 سېكۇنت ئەستايىدىل يۇيۇشى كېرەك. سىرتقا چىققاندا، ۋەسىيلىك قىلغۇچى ئىسپىرتلىق قول تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئېلىۋېلىپ، قول تازىلىقىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. ئەمما، «بۇ ۋاقىتلىق قول تازىلىقى ئەستايىدىل قول يۇيۇشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ئۆيگە قايتغاندىن كېيىن يەنىلا ئېقىن سۇدا سوپۇن بىلەن قولنى ئەستايىدىل يۇيۇش كېرەك.» ۋاڭ چۈەن گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقارقىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

  ئەگەر ۋەسىي ئاغرىپ قالسا، بولۇپمۇ قىزىش، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم ماسكا تاقاپ ۋاقتىدا داۋالىنىشى، بوۋاق بىلەن ئايرىۋېتىلىشى كېرەك. بۇ مەزگىلدە، ۋەسىيلىك قىلغۇچى بالىنى سۆيمەسلىكى، بالىغا قاراپ يۆتەلمەسلىكى، چۈشكۈرمەسلىكى ۋە نەپەس ئالماسلىقى، قەغەز ياكى بىلەك بىلەن ئېغىز-بۇرۇنىنى ئېتىۋېلىپ، بالىغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ۋاڭ چۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ۋەسىيلىك قىلغۇچى داۋاملىق ياخشى غىزالىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشى، بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىنى تېتىپ باقماسلىقى ياكى يېمەسلىكى، بوۋاققا يېمەكلىكىنى چايناپ بەرمەسلىكى، بوۋاق بىلەن بىر قاچىدا تاماق يېمەسلىكى كېرەك؛ بوۋاقنىڭ قاچىسى، ئويۇنچۇقى قاتارلىق بۇيۇملىرىنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك؛ بوۋاقنى ئېلىپ زىياپەتكە، يىغىلىشقا بارماسلىقى، توپلىشىۋالماسلىقى، ئادەم ئاز جايغا بېرىشى، كەڭرى، ئوچۇق جايغا ئېلىپ بېرىپ ئوينىتىشى، باشقىلار بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى، ئۆي ئىچىدىمۇ قەرەللىك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك؛ بوۋاقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا مۇۋاپىق غىزالاندۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ چۈەن بوۋاقلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى