تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا قارشى جەڭدە مەن يەنىلا خىزمەت ئورنۇمدا

 سېسترالار باشلىقى بۇ قېتىم تېخىمۇ تەمكىن، تېخىمۇ ئىشەنچى بارلىقىنى ئېيتتى

شۈ يۈخۇڭ (سولدىن بىرىنچى كىشى) خىزمەتدىشى بىلەن خىزمەت قىلماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىن، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن) 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23لەردە، ئىدارىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ، شۈ يۈخۇڭ پەقەت: «مەن تىزىملىتىمەن» دېدى.

«تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر ۋاقىت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىش تەييارلىقىدا تۇرىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 5-تارماق دوختۇرخانا جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىدارىنىڭ تېببىي خادىمنى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۈ يۈخۇڭ ھازىرقىدەك «مەن بارىمەن» دەپ قىلچە ئىككىلەنمىدى.

«بىرىنچى سەپكە يەنە ئاتلىنىشتا، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم ئالدىنقى قېتىمغا قارىغاندا تېخىمۇ تەمكىن،  ئىشەنچىمىز بار» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، شۈ يۈخۇڭ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مۇۋەققەت ئالىي بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 11 بۆلۈمنىڭ سېسترالار باشلىقىغا بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۆلۈم سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنە بۆلۈم مۇدىرى، دوختۇر، سېسترالارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرىشى كېرەك.

«تېلېفون ئۇرغان ۋاقىت گەرچە بەك كەچ بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشقا تىزىملاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ سېسترا شۇ كۈنى كەچتە كېچىلەپ ئىش ئورنىغا قايتتى» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار خىزمەت قىلماقتا.

شۇ كۈنى كەچتە، يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، شۈ يۈخۇڭ ئۇرغان نەچچە ئون تېلېفوننىڭ ھەممىسى ئېلىندى، ھەربىر تېببىي خادىمنىڭ تەييارلىقى پۈتكەنىدى.

يېرىم كېچىدە كەلگەن تېلېفوندىن چۆچۈپ ئويغانغان شۈيۈخۇڭنىڭ قىزى ئورنىدىن تۇردى. «بالا ماڭا قاراپ تۇرۇپ، ئاپا ئۆيدە قالسىڭىز بولامدۇ؟دېدى، مەن شۇ ۋاقىتتا، ئاپىڭىز سېسترالار باشلىقى، سىنىپ باشلىقىغا ئوخشاش، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك، دېدىم». ئالدىنقى قېتىم ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشتە، ئۇ قىزى بىلەن يېرىم يىلغا يېقىن كۆرۈشەلمىدى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. « ئۆزۈمنى قىزىمنىڭ ئالدىدا ئىزچىل ئىنتايىن قەرىزداردەك ھېس قىلىمەن» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

قولىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندا، كېچە سائەت 2 بولۇپ كەتتى. 6 سائەتتىن كېيىن، شۈ يۈخۇڭنىڭ ئالدىراش سىيماسى دوختۇرخانىدا كۆرۈندى.

«بۈگۈن ئەتتىگەن ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاغرىقلار ئاز ئەمەس، ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم يېتەكلەش ۋە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. مەن بۆلۈمدىكى خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپلا ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ، بۇ يەردىكى  ئاغرىقلارنى ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە يېتەكلەشكە ياردەم بەردىم» دېدى شۈ يۈخۇڭ.

ئالدىراش سىيمالار تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئىسپاتى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 9دىن 14كىچە، شۈ يۈخۇڭ ئىزچىل ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ سۇ ئىچىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، ئۇ خىزمىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلدى. تېببىي خادىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلدى.

«بىزنىڭ نۇرغۇن تېببىي خادىملىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى، تەجرىبە بولغاندا، كۆڭلىدە تەمكىنلىك ۋە ئىشەنچ كۆپىيىدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى شۈ يۈخۇڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان ھالدا.

سائەت 14دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شۈ يۈخۇڭ يۈگۈرۈپ ئاشخانىغا كىرىپ، تاماقنى ئېلىپ، ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدى.

«چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا دەرھال خىزمەت ئورنىمىزغا قايتىمىز، يەنە نۇرغۇن خىزمەت بىزنى ساقلاپ تۇرماقتا...»دېدى شۈ يۈخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى