تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا، قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى

  دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا، قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق ھەل قىلىش يولى ۋە ئۇسۇلى بار؟

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى 154-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى گوچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  بىرىنچى، داۋالاش ئاپپاراتىدا كېسەللىك تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن قېلىپلاشقان قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ، قىزىغان ئاغرىقلارغا قارىتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  شى گوچىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى، قىسمەن ئاغرىقلارنىڭ تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى قىزىش ئەمەس، ئۇلار باشقا كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى  كۆرۈلۈشى ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن باشقا بۆلۈملەرگە بېرىپ داۋالىنىشى، ئاسانلا سەل قارىلىپ قېلىشى، ھەتتا دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىن باشقا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ نەپەس ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قاتارلىق بارلىق كېسەل كۆرۈش ئۆيىدىكىلەر ئاڭنى كۈچەيتىپ، گۇمانلىق ئاغرىقلاردىن ھوشيار بولۇشى كېرەك ھەمدە تۇنجى دىياگنوز قويغان دوختۇر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە دوختۇرخانىلاردا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئاغرىقلارنىڭ تۇنجى دىياگنوز قويغان داۋالاش ئاپپاراتى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ياكى شەخسىي شىپاخانا بولسا، ياكى دورىخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋالغان بولسا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، شەخسىي شىپاخانا، دورىخانىلار قىزىش ئامبۇلاتورىيەسى بىلەن قىزىغان قاتارلىق گۇمانلىق ئاغرىقلارنى دوكلات قىلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، گۇمانلىق ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا تىزىملىشى ۋە يۆتكىشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىنتايىن يېنىك بولىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە دىياگنوز قويۇلماسلىق، دىياگنوز قويۇش كېچىكىپ كېتىش، كۆپ جايدا دىياگنوز قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بار، شۇڭلاشقا مەھەللە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق ئېلىپ بېرىپ، ھەممە ئادەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى بولۇشى كېرەك. قىزىش قاتارلىق گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ۋاقتىدا دىياگنوز قويدۇرۇش، باشقىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئاسان يۈزبېرىدىغان سورۇنلارغا قارىتا، مەسىلەن، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلار ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، قۇرۇلۇش ئورنى، مەكتەپ، تۈرمە قاتارلىق كىشىلەر زىچ ئالاقە قىلىدىغان نۇقتىلىق سورۇنلاردا، ساغلاملىقنى كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، گۇمانلىق ئاغرىقلارنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دوكلات قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا، 14 كۈن ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ خەتەرلىك كىشىلەر توپى ئاغرىق ۋە يۇقۇملانغۇچىلار قويۇق ئۇچراشقانلار، چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلەر ۋە يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى بار رايوندىن كەلگەنلەر، مۇھىتنى بۇلغىغان ياكى بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقانلارنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈز بەرگەن ياكى يۇقۇم تارقالغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇۋاپىق خەۋپ-خەتەر رايونىنى ئايرىپ، بەلگىلىك دائىرىدىكى ئورۇن، ئاپپارات ۋە مەھەللە خادىملارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش كېرەك، بۇمۇ كېسەللىك مىسالىنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئۇسۇلى. خەۋپ-خەتەرنى باھالاش ئاساسىدا، بەزى گۇمانلىق پاسكىنا سۇ، بۇلغانغان بۇيۇم، بۇلغانغان يېمەكلىكلەرگە قاراتمىلىق ھالدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا خەتەرلىك سىگناللارنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇپ، بەزى ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللانغىلى بولىدۇ.

«بېيجىڭ گېزىتى» تېرمىنالىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى