تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس سىرتقى مۇھىتتا ئۆز-ئۆزىنى كۆپەيتەلمەيدۇ، كۆپەيمەيدۇ

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى گوچىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشاش پەقەت ئادەم ۋە ئۇنىڭ پارازىت ئىگىسى ياكى ئارىلىق پارازىت ئىگىسىنىڭ تىرىك ھۈجەيرىسىدە كۆپىيىدۇ، تاشقى مۇھىتتا ئۆز-ئۆزىنى كۆپەيتەلمەيدۇ، كۆپەيمەيدۇ. شۇڭا بۇلغانغان مۇھىت ۋە بۇيۇملاردىكى ۋىرۇسلار سان جەھەتتىن كۆپەيمەيدۇ، ۋىرۇس ئۆلسە ياكى دېزىنفېكسىيە قىلغۇچى تەرىپىدىن يوقىتىلسا، ئادەمگە يۇقىدىغان ۋىرۇسلار مەۋجۇت بولمايدۇ.

يۇقۇمغا چېتىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا، جۈملىدىن ۋىرۇس ۋە يۇقۇملانغۇچىلار خىزمەت قىلغان ياكى بارغان سورۇنلاردا، ئاغرىق بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىدۇ، بۇلغانغان مۇھىت ۋە بۇيۇملار تازىلىنىدۇ ۋە ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاش لاياقەتلىك بولغان بولسا، بۇ ئاممىۋى سورۇننىڭ مۇھىتى بىخەتەر بولغان بولىدۇ. ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ، يۇقۇملانغانلىقى بايقالمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئاممىۋى سورۇننى قايتىدىن ئېچىۋەتسە بولىدۇ، ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، باشقا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلارغا ئوخشاش كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئامما بۇ سورۇنلارغا خاتىرجەم ھالدا بارسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى