تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، مال مەنبەسى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولغان.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭمياۋزى يولىدىكى پۇجىتاڭ دورىخانىسى نورمال تىجارەت قىلدى.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇرباغ غەربىي يولىدىكى پۇجىتاڭ دورىخانىسى نورمال تىجارەت قىلدى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا، گىرىم بۇيۇملىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى شىڭچى مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى چوڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان شىركەتلىرىنى بۇ يىل 2-، 3-ئايدىكىدەك مال سېتىۋېلىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەمدە سېتىش باھاسىغا باھا قوشۇش نىسبىتىنى مال كىرگۈزۈش باھاسىنىڭ %35ىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ئورۇنلاشتۇردۇق، ئەگەر پۇقرالار ماددىي ئەشيالارنى قىممەت سېتىۋالغان بولسا 12315كە تېلېفون قىلىپ، ئەرز قىلسا، پاش قىلسا، بىز دەرھال تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز.» نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ ساندىكى دورىخانىلار نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، ھەرقايسى چوڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان شىركەتلىرىنىڭ تىجارەتچىلىرى دورىخانىلارغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۇلار داۋاملىق دورىخانىدا قونىدۇ.
شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە 188 دورا دۇكىنى بار، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە 300دىن ئارتۇق تىجارەت خادىمى دورىخانىلارغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بۇ 188 دورىخانىنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلدى. شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىر ياردەمچىسى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، 500 مىڭدىن ئارتۇق زاپاس ماسكا بار، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك. بۈگۈن بىز يەنە ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرىمىز.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 5-، 6-ئايدىن بۇيان ماسكا قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دورىخانىلاردا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنىڭ ھەر بىرى 1.6 ~ 0.7 يۈەنگىچە سېتىلماقتا.