تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانداق قىلغاندا ماسكىنى ئىلمىي يوسۇندا تاقىغىلى بولىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر سىزگە بۇ بىر نەچچە خاتا قاراشتىن ھەزەر ئەيلەشنى ئەسكەرتىدۇ

ماسكا تاقاش خەۋپ-خەتەرنىڭ زورىيىشىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شياۋچىڭ خەۋىرى): ماسكىنى ئىلمىي تاقاش ئاممىنىڭ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىپ، يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنىڭ زورىيىشىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش، كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماسكا تاقاشتىكى بەزى خاتا قاراشلىرىغا قارىتا، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما لىلى يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

  1-خاتا قاراش: پەقەت ماسكا بولسىلا، تامامەن دېگۈدەك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ

  ما لىلى: ماسكىنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، مەسىلەن: بازاردىكى قەغەز ماسكا، ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربونلۇق ماسكا، پاختا رەخت ماسكا قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالى زىچ بولمىغاچقا، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى چەكلىك بولۇپ، تاقاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. نۆۋەتتە، ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئادەتتىكى مۇھىتتا، دالاۋاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنى تاقىسا بولىدۇ، ماسكا سېتىۋېلىشتا مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  2-خاتا قاراش: ماسكا تاقىغاندا پەقەت ئېغىزنى ئەتسىلا كۇپايە

  ما لىلى: بىر قىسىم كىشىلەر ماسكا تاقىغاندا نەپەس راۋان بولمىغانلىقتىن ئىچى سىقىلىپ، ماسكىنى بۇرنىنىڭ ئاستىغا تارتىپ نەپەس ئالىدۇ، بۇ ماسكىنى توغرا ئۇسۇلدا تاقىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، شۇنىڭدەك ياخشى بولغان ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. ئەگەر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنى تاللىغاندا، توغرا ئۇسۇل: ئالدى بىلەن ماسكىنىڭ ئىچى-سىرتى، ئاستى-ئۈستىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. بۇرنىغا توغرا كېلىدىغان قىسقۇچ رولىنى ئوينايدىغان مېتال تاياقچە بار قىسمى ئۈستى تەرىپى، ماسكىنىڭ سۇس رەڭلىك يۈزى ئىچكى يۈزى، قېنىق رەڭلىك يۈزى سىرتقى يۈزى بولىدۇ. ماسكا تاقىغاندا قېنىق رەڭلىك يۈزنىڭ سىرتقا قاراپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئىككى قول بىلەن بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مېتال تاياقچىنى بېسىپ ماسكىنى بۇرنىغا چىڭ چاپلايمىز، ئاندىن ئاستىغا ماسكىنى سوزۇپ، ماسكىدا پۈرۈلمە قالدۇرماي، بۇرنى ۋە ئېغىزىنى ھىم ئېتىمىز. ماسكىنىڭ ئىمكانقەدەر ھىم تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  3-خاتا قاراش: قولنى يۇيماي تۇرۇپ بىۋاسىتە ماسكا تاقاش

  ما لىلى: ئەگەر قولنى يۇيماي تۇرۇپ بىۋاسىتە ماسكا تاقىسا، ماسكا بۇلغىنىپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. توغرا ئۇسۇل: ماسكا تاقاشتىن بۇرۇن يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ھەمدە قولىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن ماسكا تاقاش، ماسكىنى ھۆل قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماسكا تاقاش جەريانىدا قولنىڭ ماسكىنىڭ ئىچىگە تېگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ماسكىنى ئېلىۋىتىش جەريانىدا ئىككى قول بۇلغىنىشى مۇمكىن، ماسكىنى ئېلىۋېتىش جەريانىدا ماسكىغا تېگىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش، ئېلىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش ياكى ئىسپىرتلىق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا تازىلاش كېرەك.

  4-خاتا قاراش: ماسكىنى نەچچە قات تاقىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  ما لىلى: ئادەتتىكى مۇھىتتا، پەقەت لاياقەتلىك بولغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى تاقىغاندىلا، مۇداپىئە ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ماسكىنى قات-قات تاقىغاندا ھاۋا ئۆتۈشۈش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بىئارام بولۇش تۇيغۇسى ئېشىپ، نەپەس راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ قەۋەتلىك ماسكا تاقىغاندا ياخشى بولغان مۇقىم ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ، كۆپ قات ماسكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ماسكىنىڭ ئەتراپىدا ئاسانلا ھاۋا قېچىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

  5-خاتا قاراش: ماسكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرماسلىق

  ما لىلى: داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئادەتتە تۆت سائەت، ئەگەر بۇ ئۈنۈملۈك ۋاقىت مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، شۇنىڭدەك ماسكىنى تەكرار تاقاشتىن ساقلىنىپ، قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ھەم ماسكا تاقىغاندا ئىچى-سىرتىنى ئالماشتۇرۇپ تاقىماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، ئىككى تەرىپىنى ئالماشتۇرۇپ تاقاشقا قەتئىي بولمايدۇ. ماسكىنىڭ نەملىشىپ كەتمەسلىكى ياكى قان بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ماسكا بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بۇلغانغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا پاكىز ھەم قۇرغاق ماسكىغا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى