تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  1. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىگە ماسلاشماسلىق قىلمىشى. ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛ ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقىمىغان، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلار؛ سەھىيە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، كوچا ئىش باشقارمىلىرى(تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى)، مەھەللە، كەنت كومىتېتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قوللانغان بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش ۋە كېسەللىك باكتېرىيەسىنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ماسلاشمىغانلار.

  2. ئايرىش تەدبىرلىرىگە ماسلاشماسلىق قىلمىشى. يۇقۇم نۇقتىلىق رايونلىرى ياكى ئىچكىرى جايلاردىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلەر ھەم ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ياكى گۇمانىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن زىچ ئۇچراشقانلاردىن بەلگىلىمە بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرمىغان، خىزمەتچى خادىملار سورىغاندا ئەينەن ئېيتمىغانلار؛ ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىش، مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش، ئايرىپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار.

  3. زورلۇق بىلەن دوختۇرغا زىيان يەتكۈزۈش، داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى. تېببىي خادىملارنى ھاقارەتلىگەن، تەھدىت سالغان، ئۇرغان، قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەر؛ تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، ماسكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى قەستەن بۇزۇۋېتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا توپلىشىپ جېدەل چىقارغان، غوۋغا كۆتۈرۈپ جېدەل چىقارغان، يوق يەردىن چاتاق چىقىرىپ داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار.

  4. قەستەن كېسەل تارقىتىش قىلمىشى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ياكى قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئاممىۋى سورۇنلارغا قەستەن كىرىپ-چىققانلار؛ يۇقۇم نۇقتىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلىشىش، ساياھەت قىلىش تارىخىنى، كېسەل بولۇش ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر.

  5. مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشى. يۇقۇمدىن ساقلىنىش دورىلىرى ۋە ماسكا، قوغدىنىش كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يۇقۇمدىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار؛ ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار؛ مالنى كۆپلەپ بېسىۋېلىپ، يۇقىرى باھادا سېتىپ كۆپ پايدا ئېلىپ، بازار تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار.

  6. ساختا مال ياساش-سېتىش قىلمىشى. ساختا، ناچار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ياسىغان، ساتقانلار؛ ساختا، ناچار ماسكا، قوغدىنىش كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى ياسىغان، ساتقانلار؛ ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇپ يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلار.

  7. پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇش ۋە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشى. يۇقۇمغا ئائىت يالغان ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقارغان، يۇقۇمغا ئائىت پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان، يۇقۇم ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ساختا تەدبىرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ۋېيشىن، قىسقا ئۇچۇر، تور قاتارلىق يوللار ئارقىلىق قەستەن تارقاتقانلار.

  8. يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشى. تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، ۋېيشىن، مىكرو بىلوگ، تور سۇپىسى قاتارلىق تېلېگراف تور يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى توپلاش، توردا دىياگنوز قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغانلار.

  9. ياۋايى ھايۋانلارنى ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەنلەر ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلار.

  10. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار.

  «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىنىڭ شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  (بۇئايشەم راخمان تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى