7-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي ئارقا كوچىسىدىكى بىر كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى جىڭدىن ئىككىنى ئىشلىتىپ، كۆكتات سېتىشنى تېزلىتىلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ھازىر شەھەر بويىچە سودا ئىشلىرى سىستېمىسىدا جىددىي كاپالەت مېخانىزمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىدا بىنورماللىق كۆرۈلسىلا، دەرھال بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مال باھاسىنىڭ قالايمىقان ئۆستۈرۈلۈۋېلىشىدىن ساقلىنىدىكەن.
«ھازىر، پۈتۈن شەھەردىكى 500دىن ئارتۇق كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە كالا-قوي گۆشى دۇكىنىغا مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكتات، گۆش، ئاشلىق، ياغ، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش مال مەنبەسى تولۇق كاپالەتكە ئىگە» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى يەن جۈن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) شىنجاڭ خۇالىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تىيانشان خۇاڭنىيۇ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيەنكاڭ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سويۇش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، پۈتۈن شەھەرنى يېڭى گۆش بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، مۇخبىرنىڭ شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى، يېڭى بېييۇەنچۇن بازىرىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كۆكتات سودىسى نورمال بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا تەخمىنەن 1000 توننا كۆكتات سېتىلغان، يېڭى بېييۇەنچۇن بازىرىدا 350 توننا كۆكتات سېتىلغان. «مال بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، ياڭيۇ، پىياز قاتارلىقلار 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ. 7-ئاينىڭ 18–كۈنى سېتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ %80ى بازارغا توشۇپ بولۇندى» دېدى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ليۇ چىڭلى.