تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى سودا تاللا بازارلىرىنىڭ مال بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولدى ھەم ئۆيىگىچە يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىن خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23تە، شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى قوشۇمچە تاللا بازىرى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ چىڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرىنچى ۋاقىتتا سەي-كۆكتات، سۇ مەھسۇلاتلىرى، كالا-قوي گۆشى ۋە مېۋە-چېۋە تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇق، بۈگۈن كەچ، خىزمەتچى-خادىملار كېچىلەپ ماددىي ئەشيالارنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، گۇرۇھ تارمىقىدىكى ھەرقايسى تاللا بازارلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دوستلۇق گۇرۇھى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات، گۆش قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى كۆپ خىل يوللار بىلەن تەمىنلەشنى يولغا قويىدىكەن، دېزىنفېكسىيە قىلىش، مۇداپىئە تۈرىدىكى بۇيۇملارنىڭ كۈندىلىكتە ئىسكىلاتتا ساقلىنىشى ۋە زاپىسى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن. نۆۋەتتە، دوستلۇق تاللا بازىرى يېڭى كۆكتات تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ زاپىسى ئادەتتىكىنىڭ بەش ھەسسىسى بولۇپ، باشقا بۇيۇملارنى تەمىنلەش سودىگەرلىرى ھەر كۈنى نورمال تەمىنلەيدىكەن.

«يۇقۇم مەزگىلىدە، تاللا بازىرى بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تاللا بازىرى باھا بازىرى تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ مول بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالاھىدە مەزگىلنى بىخەتەر، مۇقىم ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلىدۇ.» جاۋ چىڭمېي مۇنداق دېدى: «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مالنى بېسىپ قويۇشى ھاجەتسىز، ئىدراكىي سېتىۋالسا بولىدۇ».

بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا، تاللا بازىرى دېزىنفېكسىيە قىلىش، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئامباردىن ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشتىن تارتىپ، ئىسكىلاتتا مال ئايرىشقىچە بولغان ھەربىر تەپسىلات ۋە ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى جاۋ چىڭمېي.

ئىگىلىنىشىچە، دوستلۇق تاللا بازىرى يەنە «يوۋخاۋ يىگوۋ» سۇپىسى ئارقىلىق، مالنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

چوڭ تاللا بازىرىدىن باشقا، بىر قىسىم كىچىك دۇكان، كۆكتات دۇكىنىدىمۇ تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، كۆكتات تۈرى مول بولدى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسىدىكى بىر تاللا بازىرىدا، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر كۆكتات سېتىۋالدى. دۇكان ئىگىسى گو شياۋجېن مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى جيۇدىڭ بازىرىدىن مال كىرگۈزىمىز، تەمىنلەش سودىگەرلىرى كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنىڭ تەمىنلىنىشىنى يېتەرلىك دېدى.»

دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ مال يەتكۈزۈش ئىككىلىك كودى

دوستلۇق مودا مال سېتىۋېلىش شەھەرچىسىنىڭ مال يەتكۈزۈش ئىككىلىك كودى

دوستلۇق مودا  چاڭچۈن يولى دۇكىنىنىڭ مال يەتكۈزۈش ئىككىلىك كودى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ