تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلارنىڭ يۈك-تاقىنى ئەۋەتىپ بەردى

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو خەلق داشۆسى سودا شۆيۈەنىنىڭ قىزلار ياتىقىدا، مەخسۇس يېتەكچى جاڭ شۈيۈن (سولدا) بىلەن يېتەكچى ۋېي فاچاۋ ئوقۇش پۈتگۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو خەلق داشۆسى يۇقۇم سەۋەبىدىن مەكتەپكە قايتالمىغان ئوقۇش پۈتگۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، 2020-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن 8000غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا يۈك-تاقنى ئەۋەتىش، ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، يۈك-تاقلارنى رەتلەش جەريانىنى «بىۋاسىتە كۆرسىتىش» ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسىي نەرسىلىرىنى دەلىللەشتۈرۈش، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىپ ئوراپ قاچىلاپ، ئەۋەتىپ بەردى ياكى ساقلاپ بەردى. م‍‍ەكتەپ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 9:00غىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن 4115 ئوقۇغۇچىنىڭ 50 مىڭغا يېقىن يۈك-تاقىنى ئوراپ قاچىلاپ بولدى، 18 مىڭ يۈك ـ تاقنى ۋاقتىنچە ساقلاپ قويدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل