تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭىلىق يارىتىش جۇڭيى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى دورىلارنىڭ ئوراپ قاچىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆسۈملۈكلەر بولۇق ئۆسكەنىدى. فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 1000 مولۇق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىقچىلىق بازىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، بازىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىدا، سۇزاپ، شەننەي، كاكىنەچ، قۇرت چۈشۈرىدىغان قارا زىرە قاتارلىق تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ تېرىلغان توققۇز خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقى كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەنبەسى. مەنبە ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقاندىلا، كۆز ئالدىمىزدىكى <خەۋپ> نى يېڭىپ، كەلگۈسىدىكى <پۇرسەت> نى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى بازا مەسئۇلى ساۋ يىنلۇ.

يىندولەن دورا ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاشلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك، خام ماتېرىيال كەمچىل بولۇش، ئەشيا ئوبوروتى توختاپ قېلىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىن ئىبارەت چوڭ سىناق يىندولەن ئۈچۈن ھەم بېسىم، ھەم خىرىس بولدى.

«بېسىم ئاستىدا، بىز خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن قانداق تۆھپە قوشىمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي كۈچ ۋە ئىشەنچ بولۇشى كېرەك» دېدى يىندولەننىڭ باش مۇدىرى لى جۈن.

بۇ خىل ئەمەلىي كۈچ بىلەن ئىشەنچ ئىنتايىن زور دەرىجىدە كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەنبەسى − جۇڭيى، مىللىي تېبابەت دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق بازىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 2010 - يىلى، يىندولەن دۆلەتنىڭ GAP ئۆلچىمى بويىچە تېرىقچىلىق بازىسى قۇردى، نۆۋەتتە تېرىقچىلىق كۆلىمى 3500 موغا يەتتى، ئوسما يىلتىزى، يالپۇز قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈپلا قالماي، يېزىخو، كاسىنە قاتارلىق يەرلىك مىللىي دورا ماتېرىياللىرىنىمۇ دالىدا ئۆسۈشتىن سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈپ كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بابۇنە، زوفا قاتارلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان دورا ماتېرىياللىرىنىمۇ مۇشۇ جايدا يېتىشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ تېرىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، يىندولەن شىنجاڭدىكى تۇنجى بولۇپ دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق بازىسىغا ئىگە بولغان، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرگەن مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ياساش كارخانىسى، ھەم پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكى بولۇپ قالدى.

ئەمەلىي كۈچ بىلەن ئىشەنچ يەنە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا توختىماي ئىزدىنىشتىن كەلگەن. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىر يىندولەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا بېرىپ، ئىچىلىدىغان قاتتىق دورا ۋە سۇيۇق دورا، جۇڭيى دورىلىرىنى ئاپتوماتىك ئايرىش، تولۇق ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئوراش - قاچىلاش قاتارلىق توققۇز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىدە ئالدىراش مەنزىرىنى كۆردى. رەقەملەشكەن نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش سىستېمىسىدا، 26 ئۈسكۈنىنىڭ 408 كونترول نۇقتىسىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكا پارامېتىرى ۋە سۈپەت كۆرسەتكۈچى ھەر ۋاقىت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، دانچە دورىلارنى قاچىلاشتىن تارتىپ يەشىككە قاچىلاپ تېڭىشقىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلات جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ئورنىنى تامامەن ئىگىلىگەنىدى.

«2018 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى خادىملارنىڭ يېرىمى ئازايدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى 2.6 ھەسسە ئاشتى، بۇلتۇر <ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل زاۋۇت> ئېتىراپىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، كارخانىمىز دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بېكىتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىللاشقان، ئالاھىدە، يېڭى <كىچىك گىگانت> كارخانا» دېدى سېخ ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتور مو شيۇمېي تونۇشتۇرۇپ.

بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىندولەننىڭ خاس مەھسۇلاتى مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو جەۋھىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش لايىھەسى»دىكى تەۋسىيەلىك مەھسۇلات قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

لى جۈن مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى» يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇنىڭدىن كېيىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرىدىغان تۈپ تۈرتكە قىلىپ، جۇڭيى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدا، يىندولەننىڭ ئومۇمىي تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ يىللىق سېتىش كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %8تىن يۇقىرى بولدى. ھازىر، يىندولەن تەتقىق قىلىپ ئېچىۋاتقان مىللىي تېبابەت دورا مەھسۇلاتىدىن بەشى بار، يېڭى مىللىي تېبابەت دورىسى «بىنافشە جەۋھىرى»نىڭ 3 - قارارلىق كىلىنىكا سىنىقى قوزغىتىلدى، مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو جەۋھىرىنىڭ بالىلار توپىغا كۆپەيتىش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ بالىلار دورىلىرى كىلىنىكا تەتقىقاتىدىكى مۇھىم، زور مەخسۇس تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

نۆۋەتتە، يىندولەن مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو جەۋھىرى يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە چەت ئەلدە تىزىملىتىش تۈرىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك خىمىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ «ئىستراتېگىيەلىك خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى» نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزبېكىستان دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى بىلەن مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو جەۋھىرى توغرىسىدا دورا تەكشۈرۈش توختامى ئىمزالىدى، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى خەلقئارا بازارغا يۈزلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى