تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك

ئاپتونوم رايون سەھىيە - ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون سەھىيە - ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپىنى تولۇق ئاڭلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ساۋ يۈجىڭ، ما مىڭخۇي، لى فېڭسېن، ليۇ تاۋ، ۋۇ پىڭ، گۇ جېڭيى، ياڭ يىنىڭ، سۈي يەن، دىلشات ياقۇپ، سۇڭ يۈشيا، لۇ چېندىن ئىبارەت 11 مۇتەخەسسىس يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى كەڭ مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «كېسەلنى داۋالاش»تىن «كېسەلنى ئالدىن بايقاپ، ئالدىنى ئېلىش»قا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى لايىھە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى بايقاش، مەلۇم قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئاۋاز قوشۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر بىلەن قىسقا مەزگىللىك تەدبىرنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپىنى بىرلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، دەرىجىگە، قاتلامغا، تارماققا ئايرىلغان ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرەش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى پەن تەتقىقات تىرىكى سۇپىسى قۇرۇلۇشى، جۇڭيى دورىلىرى بويىچە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە خاس ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭيې تېبابىتى دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىگە بولغان پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيەنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچى ئارقىلىق ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، مەڭلىك سېيت يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى