تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ تىڭ، خەن چىنيەن، جەزىرە نېسىپبېك

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ مەركىزىدە، يەكەن دەرياسى بويىدا، ئەزەلدىن «شىنجاڭدىكى سەنشيا» دەپ نامى بار ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قەدىمى تېزلىتىلدى، توسما، زاۋۇت بىناسى، تونېللارنىڭ ھەرقايسى مەشغۇلات يۈزىدىكى مۇنار جازىلىرى ئېگىز قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ماشىنا ئاۋازلىرى گۈلدۈرلەپ تۇراتتى.

مۇھىم، زور قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىش، چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش... ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. ھەرقايسى جايلار مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىدىغان بىر قاتار پائال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سېلىنما مىقدارى زور، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلدى.

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرىدىكى يېزا بەخت چوڭ قورۇسى تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا مۇخبىرلار چوڭ قورۇنىڭ ئاساسىي جازا قۇرۇلمىسى ۋە ئۆگزىنى يېپىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ تاماملانغانلىقىنى كۆردى. «بىز قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ %60ىنى تاماملاپ بولدۇق، كېيىنكى قەدەمدە بىز تىرىشىپ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملايمىز.» ئاۋات بازىرىدىكى بەخت چوڭ قورۇسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مەسئۇلى چياۋ يۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش مەيدانى شۇ جايدىكى 73 نامرات ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

نامرات ياشانغانلار، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى بېقىش مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، يەكەن ناھىيەسىدىكى 12 يېزا - بازار (باشقۇرۇش كومىتېتى)دىكى 12 يېزا بەخت چوڭ قورۇسى تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، 100گە يېقىن نامرات ياشانغان كىشىنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تۈرنىڭ 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

قۇرۇلما تەڭشەلدى، كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، زاپاس كۈچ ئاشۇرۇلدى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى، زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.

5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاتۇش شەھەرلىك كەسپىي مائارىپ مەكتىپىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا بۇ يىل جياڭسۇنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ياردەم بېرىش تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلانغان ئاتۇش شەھەرلىك كەسپىي مائارىپ مەكتىپى قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش 26 تۈرى ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كادىر، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈرلەرنىڭ سېلىنما ئومۇمىي مىقدارى زور، تىرەكلىك رولى كۈچلۈك، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كۈيتۈن شەھىرىدە شىنجاڭ خېشەن جۈلى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 400 مىڭ توننىلىق پولىئۇرېتان ماتېرىيالى (MDI) تۈرىدە تېخنولوگىيەلىك تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى قىلىش ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

«بۇ تۈرگە جەمئىي 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2750 مو بولۇپ، 2023 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۆلچەرلەنمەكتە، قۇرۇلۇش پۈتۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن 6 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك يىللىق ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭىدىن 2000 ئىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرى تۈرىگە تۈرتكە بولۇپ، 60 مىليارد يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۈيتۈن - مايتاغ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۈن.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۇرۇپپا باشلىقى بولغان ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس قۇردى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 289 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى، 428 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى (ئەسلىگە كەلدى)، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 180 مىليارد 694 مىليون يۈەن بولدى. ھازىرغا قەدەر، ئىلى ئوبلاستى 49 تۈرنى تاماملاپ، 22 تۈرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، ساياھەت ئىقتىسادى، پورت ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مۇخبىرلار كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكسۇل گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىغا كەلدى، بۇ جايدا يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان چاقپەلەك، ئايلانما ياغاچ ئات قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي تاماملانماقتا، ئۈستىقۇددۇس، تىزمىگۈل، سەبدەرگۈل قاتارلىق 40 نەچچە خىل گۈل - گىياھتىن شەكىللەنگەن كۆز يەتكۈسىز گۈل دېڭىزىدىكى گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغانىدى. ئىلگىرىكى ساھىل ئويمانلىق بۈگۈنكى كۈندە تاغ - دەريالار بىلەن ئورالغانىدى، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى.

بۇ مەنزىرە رايونى ئەتراپتىكى يېزا - بازارلارنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ساياھىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەمئىيىتى قۇرۇپ، 400دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كۆكتوقاي ناھىيەسى سەنتەي مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىن شوۋۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆكسۇل گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى گۈل - گىياھ ئاساس قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپتىكى كەنت ساياھىتى يانداش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، تەۋەلىك رايوننىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ