تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇقرالارنىڭ «كۆك - تاق» ماللىرى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، گې يوۋجۈن، سۇڭ ۋېيگو

دېھقان ھويلىلىرىدىكى كۆكتاتلار ياپيېشىل ئۆستى؛ بازار، سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدا كۆكتات مول، باھاسى مۇقىم بولدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، «ئاشلىق»، «كۆك - تاق»قا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، بازارنى تەمىنلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى، كۆكتات قاتارلىق ئاممىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتى «كۆك - تاق»نى موللاشتۇردى

«مەن ھويلامنىڭ ئالدىدىكى بوش يەرنى رەتلەپ، ئىككى كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ، شوخلا، جاڭدۇ قاتارلىقلارنى تېرىدىم، ھەممىسىنى قوشقاندا، بىر يىلدا 8500 يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى قىرقاش كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابدۇساتتار ئەمەر خۇشال ھالدا.

لوپ بازىرىغا بارغاندا، ھەممىلا يەردە ھويلا - ئارانلاردىكى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان كىچىك ئەگمە پارنىكلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، كىچىك ئەگمە پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى ئۆز ئۆيىدە ئىستېمال قىلغاندىن سىرت، ئېشىپ قالغانلىرىنى سېتىپ كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەپەككۇرى بويىچە، ھەرقايسى جايلارنى لازا، سۇلۇق لوبو، كۈزلۈك ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىشقا يېتەكلەپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى قوزغىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كۆك - تاق»لىرىنى بېيىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، بازارنى يېتەكلەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنى دائىملىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش رايونى، ئۆزگىچە كۆكتات ئەۋزەل رايونى ۋە قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى بويىچە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. مۇشۇ ئاساستا، ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىش كۆلىمى، ئۆستۈرۈلىدىغان سورت، بازارغا سېلىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم، تەرەققىياتى مۇۋاپىق بولغان ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.

پەن - تېخنىكا كۆكتات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى

ھازىر، ئاھالىلەر تاللا بازىرى، كۆكتات بازىرىنى ئايلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئەلا، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ كۆپ، باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاسانلا بايقايدۇ.

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى كۆكتات تېرىغۇچى ياڭ ۋېيدۇڭنىڭ چوڭ پارنىكى ئىچىدە، سېۋەت - سېۋەت كۆكتاتلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلۇق تاللا بازىرىغا سېتىلىش ئۈچۈن تىرانسپورت ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىۋاتاتتى. «6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بىر چوڭ پارنىكتىن ئالتە توننىدىن سەككىز توننىغىچە خاڭگا چىقىدىغان بولۇپ، 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ياڭ ۋېيدۇڭ.

ياڭ ۋېيدۇڭ 22 يىل پارنىكتا كۆكتات تېرىدى، 4 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، پارنىكتىكى يېڭى كۆكتاتلار ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. بۇ يىل ياڭ ۋېيدۇڭنىڭ توققۇز پارنىكىغا تۇنجى قېتىم گۈل ھەرىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسى كىرگۈزۈلۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئادەم كۈچى كەمچىل بولۇش بېسىمى پەسەيتىلىپلا قالماي، يەنە بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كۆكتات سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، توققۇز پارنىك ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ.

كۆكتات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يېشىل، ساغلام كۆكتات يېيەلىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق غەيرەتكە كەلدى.

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سەھەردە، باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى جىگىسېن نۇر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى يەن ۋېي پارنىكقا كېلىپ ئوسۇڭ كولىدى. مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش، مەھەللىۋى ئوغۇت بېرىش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەر يەن ۋېينىڭ كۆكتات تېرىش پارنىكىنىڭ سىرى ئىدى. «بۇ يىل سەككىز مو يەرگە ئوسۇڭ تېرىدىم، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ بەش توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، نۆۋەتتىكى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوسۇڭ بىر تۈردىلا 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى يەن ۋېي.

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى تۆۋەن ئارا مەھەللە كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا سۇەنتەي تارتىپ چىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «كەنت <كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسى بويىچە، كۆكتات توپ سېتىش كارخانىلىرى بىلەن سېتىۋېلىش زاكاز تالونى ئىمزالايدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىپ - پەرۋىش قىلىدۇ، دېھقان ئائىلىلىرى يەرنى پاي قىلىپ قوشىدۇ، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىماتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دېدى تۆۋەن ئارا مەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ.

دېھقانلارنى كۆكتات تېرىشتا سېتىشتىن غەم قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن، يېڭىسار ناھىيەسى مەخسۇس تېخنىك خادىملارنى پارنىكلارغا كىرىپ تېخنىكا يەتكۈزۈشكە سەپلىدى ھەم كۆكتاتلارنى بازار باھاسى بويىچە بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ، يېزا - بازارلار، مەكتەپ، ئورگان - ئورۇن ھەمدە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە سېتىپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ ياخشى تېرىشى، سېتىپ چىقىرىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كۆكتات پارنىكىنىڭ بىر ئۇچى ئاھالىلەرنىڭ «كۆك - تاق»لىرىغا، يەنە بىر ئۇچى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ھەميان»ىغا ئۇلانغان. كۆكتاتلارنىڭ سېتىلماي قېلىشىدىن ساقلىنىش، ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ھويلا - ئاران كۆكتاتلىرى قاتارلىق كۆپ خىل، ئاز تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى