تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ %75 چىقىمى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر رېن چۈنشياڭ خەۋىرى): 2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى چىقىمى جەمئىي 160 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %75ىنى ئىگىلەپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

    6-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا قىلغان «2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى» توغرىسىدىكى دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ مالىيە چىقىمى داۋاملىق بىر قەدەر يۇقىرى سىجىللىقنى ساقلىغان، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمى داۋاملىق كۆپەيتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تۈرلۈك نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ چىقىمىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.

   دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 51 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %31.8ىگە توغرا كەلگەن، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 213 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 980 مىليون كۆپىيىپ، %3.4 ئاشقان، 5-ئايدا شۇ ئايلىق مالىيە چىقىمى 41 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولغان.

    بولۇپمۇ، سەھىيە، ساغلاملىق چىقىمى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، تىزگىنلەش، كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت تەدبىرى ۋە «1+3» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى دائىملاشتۇرۇلۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش، ئجەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 5-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغىدىن 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش، داۋالاش-پەرۋىش خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىناق دورىسى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش چىقىمىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ