تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇقرالارنىڭ «گۆش ئۈستىلى» تېخىمۇ مول، تېخىمۇ بىخەتەر بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «گۆش ئۈستىلى»نى موللاشتۇرۇپ، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە گۆش مەھسۇلات مىقدارىنى %4 ئاشۇرۇش، ئاساسلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %97تىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ مىقدارنى كۆپەيتىش بازار تەمىناتىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى شىدى بازىرىدىكى رۈنيۈەن باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى شى لياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بازار ئەھۋالى ياخشى، بىزمۇ بېقىش مىقدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇردۇق، نۆۋەتتە ئانگۇس گۆش كالىسى 300 تۇياققا يەتتى».

2014 - يىلى، شى لياڭ ئاۋسترالىيەدىن 100 تۇياق ساپ نەسىللىك ئانگۇس سىيىرى كىرگۈزۈپ، بۇلتۇر 4 مىليون يۈەن ساپ پايدا ياراتتى. «بۇ خىل كالا گۆشىنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى، ھەر 100 كىلوگىرامدىن گۆش چىقىش نىسبىتى %60تىن %65كىچە يېتىدۇ. بۇ يىل بۇ كالىنى 700 - 600 تۇياققىچە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى شى لياڭ.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمەن تەكشى، مۇقىم بولغان، قوتاندىكى تىرىك چوشقا 3 مىليون 172 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولغان. قوتاندىكى كالا 5 مىليون 3000 تۇياق بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان؛ قوتاندىكى قوي 44 مىليون 381 مىڭ تۇياق بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە توڭلىتىلغان 4200 توننا چوشقا، كالا، قوي گۆشى ئىسكىلاتتا ساقلانغان. 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپەيتىلىپ ئەي قىلىنغان تۈرلۈك ياش چارۋا 18 مىليون 750 مىڭ تۇياق بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشقان. رايون ئىچىدىكى چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان كارخانىلار ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي جەھەتتىن نورمال سەۋىيەگە قايتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «گۆش ئۈستىلى»نىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاپ، چوشقا گۆشى ھەم توخۇ، كالا، قوي گۆشى تەمىناتىنى ئاشۇرغاندىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە تۈركۈم، قېتىمغا بۆلۈپ زاپاس چوشقا، كالا، قوي گۆشىنى بازارغا سېلىپ، بايرام مەزگىلىدە گۆش باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ھەم باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا تارقاتقان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يىل ئىچىدە قوتاندىن چىقىرىلىدىغان گۆش قويىنى 3 مىليوندىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتىش، قوتاندىن چىقىرىلىدىغان گۆش كالىسىنى 50 مىڭدىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، قوتاندىكى، قوتاندىن چىقىرىلىدىغان تىرىك چوشقىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليون 500 مىڭ، 2 مىليون 50 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

چارۋا - قۇش نەسىلچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۆش كالىسى، گۆش قويىنىڭ ئىرسىيىتىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز ئالدىغا نەسىل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون «دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش پىلانى(2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» قاتارلىق بەش چارۋا - قۇش نەسىلچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدى.

شىنجاڭنىڭ يەرلىك نەسىللىك دولان قويى گۆشى ھەم يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان يىرىك يۇڭلۇق يەرلىك قوي نەسلىگە تەۋە بولۇپ، دولان قويى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەكىت ناھىيەلىك دولان قويى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جېڭ جيەنچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناھىيە نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ چارۋىچىلىقتىن قىلىدىغان كىشى بېشى كىرىمىنى 500 يۈەن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاي قوشقان نامرات ئاھالىلەرنىڭ مۇقىم پايدا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

نەسىل يېتىشتۈرۈشتىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەنبەدىن كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جەرياننى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باقمىچىلىقنى ئەنگە ئېلىش، ئىممۇنىتلىق ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇملۇق كېسەلنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، كارانتىن ئىسپاتى چىقىرىش، سويۇشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق چارۋىچىلىقنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى؛ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن بازارغا سېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بازاردا سېتىش سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى «تۆت ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سۈپەتلىك ماركا يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى پۇختا ئېلىش

«چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئاساسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئاچتى.» 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ خۇالىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جيې كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ھەرقايسى باقمىچىلىق بازىلىرىدىكى كالا، قويلارنىڭ بېقىلىش ئۇچۇرلىرىنى يىراقتىن تەكشۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، سويۇش - پىششىقلاش كەسپى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلاش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە مەدەنىيەت قېزىشنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەم يۇڭ - تىۋىت، كۆن - خۇرۇم قاتارلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت، كىيىم - كېچەك، تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىششىقلاشنىڭ قوشۇلما قىممەت بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز خاس چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ گۆش قۇشلىرى، تۇخۇم قۇشلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنىڭ نەسىل يېتىشتۈرۈش، بېقىش، سويۇش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا توخۇ، ئۆردەك، غاز، كەپتەر قاتارلىق قۇش تۈرلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى پائال راۋاجلاندۇردى، توشقان بېقىش، ئېشەك بېقىش قاتارلىق خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بەردى، خاس قۇش باقمىچىلىقىنىڭ ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك باقمىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز «باشقىلاردا يوقى بىزدە بار، باشقىلاردا بارنىڭ بىزدە ئەلاسى بار، باشقىلاردا ئەلاسى بولسا بىزدە ئالاھىدىسى بار» دەيدىغان پەرقلىق تەرەققىيات پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل سۈپەتلىك ماركا يارىتىدۇ؛ بىر تۈركۈم ئورگانىك قوي گۆشى، يۇقىرى دەرىجىلىك كالا گۆشى، يېشىل سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا، تور سىرتىدا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى