− 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولسا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
بۇ قېتىمقى يىغىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا بۇلتۇردىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن بۇ يىلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، ۋەكىللەر بىردەك بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىدى. يىغىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىم دوكلاتلارغا قاراپ چىقتى ھەم ئۇنى تەستىقلىدى، ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلگەن، بۇ دوكلات پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېتلاشتۇرغان، بايرىقى روشەن، باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئىخچام، ئەمەلىي بولغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىشەنچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا مىزانغا تايىنىش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تۈزۈش پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم نەتىجىسى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ھەق تەلەپ قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا ھەرگىز يول قويماسلىق، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا ھەرگىز يول قويماسلىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ تۈزۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئۇ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ قانۇنچىللىق ئاساسى، سىياسىي ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ.
2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، مىسلىسىز خىرىس ئالدىدا، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا يۈزلەنگەندە كۆڭلىدە سان بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تارىخ ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.
پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلەيلى، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بېرىشىمىز ۋە بەدەل تۆلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايمىز، قىلچە تەۋرەنمەيمىز. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرەش ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى: «خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. خەلققە چىڭ تايانساقلا، بىز چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.» كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى بېيىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، تارىخ ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ! ۋاقىت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ، تارىخ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوران - چاپقۇندىن قورقماي، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)