تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ياخشى كۈنلەرگە قاراپ ئاتلىنىش  ئىشلىگەنسېرى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىش

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، چىن مېيخۇا، ئارمان رازاق، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئالىدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش پەيتىگە قەدەم قويدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش پەيتىنى كۈتۈۋالدى. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە نەزەر −

«سىياسەت ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ئامما يەنىلا تېخىمۇ كۈچىشى كېرەك»

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى قۇمبويى كەنتىنىڭ ئۈچ تەرىپى قۇم بىلەن ئورالغان، تۆت پەسىل قۇرغاق. بۇ يەردە تۇرىدىغانلار نەچچە ئەۋلاد ئادەم قۇمنى چېكىندۈرۈپ، قۇم ئادەمنى چېكىندۈرۈپ، قايتا - قايتا قەبىھ تەبىئىي مۇھىت بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن، جان تىكىپ ئېلىشىش ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.

«كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە بىر مو ئۈچ پۇڭدىن يەر توغرا كېلىدۇ، يەرنى ياخشى تېرىسا يېيىشىگە يېتىدۇ؛ ياخشى تېرىيالمىسا بىر يىل بىكار ئاۋارە بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇمبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى چېڭ يۈلىن مۇنداق دېدى: «يەر يېتىشمىگەچكە، كەسىپ جەھەتتە چىقىش يولى تېپىش كېرەك».

چۈشىدىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان كەنت ئاھالىلىرى بىر مىنۇتمۇ ۋاز كەچمىدى. ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قۇمبويى كەنتى نامرات ئاھالىلەرنى كەسىپكە «باغلىدى»، خىزمەت ئەترىتى نامرات ئاھالىلەر بىلەن ئىزدىنىش داۋامىدا «قان ئىشلەش شەكلى»دىكى كەسىپ يولىدىن ئىككىنى تېپىپ چىقتى: بىرى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇتاش يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، پايدىنىڭ ھەممىسىنى نامرات ئاھالىلەرگە بۆلۈپ بەردى؛ يەنە بىرى، تۆگە باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇشقا قوبۇل قىلدى، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدا، كەسىپ پايدىسى پۈتۈن كەنتتىكى 160 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنى قاپلىدى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمى كەسىپ ئارقىلىق تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى.

يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى ئەڭ تېز بولدى، بۇلتۇر 1 - ئايدا رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى، پايدا كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە 100 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىگە تەقسىم قىلىنىپ، كۆپچىلىك ئەمگەككە قاتنىشىش، ئەمگىكىگە تايىنىپ پۇل تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئاھالىنىڭ تەقسىمات ئۆلچىمى پۈتۈن كەنتتە ئاشكارا ئېلان قىلىندى. «مۇشۇ بىر تۈردىلا نامرات ئاھالىلەرگە ھەر يىلى ئەڭ ئاز بولغانلىرىغا 1000 يۈەن، كۆپىنچىسىگە 4000 يۈەن تەقسىم قىلىندى» دېدى چېڭ يۈلىن.

«سىياسەت ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ئامما يەنىلا تېخىمۇ كۈچىشى كېرەك.» كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيىدا تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك پايدا تەقسىملەش لايىھەسى بېكىتىلدى، يەنى يىلدا ئىككى قېتىم پايدا تەقسىملەپ، «پۇلنى ئېلىپلا كېتىپ قېلىش» ھادىسىسى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئىلگىرى كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى خېلى كۆپ قۇرۇلغان، نامرات ئاھالىلەر ھەم ۋاكالىتەن بېقىش ئائىلىسى، ھەم تېرىقچىلىق ئائىلىسى، ھەم پايچىك بولۇپ، كۆپ قىسىملىرى پايدىنى بۆلۈشۈپ بولۇپلا يوقاپ كەتكەن، چارۋا - ماللارنى باقىدىغان ئادەم يوق، يەرنى تېرىيدىغان ئادەم يوق بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ يۈرۈشمەي قالغان. «ئۇلار پۇلنى خەجلەپ بولۇپ كوپىراتىپ ئېسىگە كەلگەندە، كوپىراتىپمۇ نامراتلىقتىن تاقىلىپ قالدى.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەمەرباقى قەمبەر مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ئۇسۇل ياخشى بولۇپ، كوپىراتىپنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

«ئىشىنىمەنكى، ئۇزاق ئۆتمەي، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەختنىڭ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىدەك داۋلىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، شۇ چاغدا بۇنداق پايدا تەقسىملەش ئۇسۇلىنى قوللانمىساقمۇ بولىدۇ.» چېڭ يۈلىن مۇنداق دېدى: قۇمبويىلىقلارنىڭ باشقىلار بۇ يەرنى تىلغا ئالغاندا قۇمبويىلىقلار «قىيىن شارائىتتا ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش»نى بىلىپتۇ دەپ تەرىپلىشىنى كۈتىدىغان ئاددىي بىر ئارزۇسى بار.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى −

«قانچە ئاچقۇچلۇق پەيتكە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەكبەر مەتناسىر مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ھالقىلىق پەيتكە كەلدى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە تېخىمۇ داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىمىز، جەڭنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

«كەسىپ دەل جايىدا بولۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۈنۈملۈك بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا كەسىپ بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇقىم بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى ۋەكىل ئەكبەر مەتناسىر.

«نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش»

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى «رايوننى قارىغا ئېلىش»تىن «شەخسنى قارىغا ئېلىش»قا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ھەربىر نامرات ئائىلىگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.

ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىشتا، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر بىلەن قىسقا مەزگىللىك تەدبىرنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، كەسىپلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −

كىرىم مەنبەيىم بار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئاساسىم بار

«قۇياش بولسىلا، پۇل تاپقىلى بولىدۇ.» قۇمبويى كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئابابەكرى روزىمەمەتنىڭ كەنتتىكى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش توك تارقىتىش تۈرى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆڭلى يايراپ كېتىدۇ.

ياش ئابابەكرى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۈسكۈنە قوغدىغۇچىسى، ئەسلىدىنلا نامراتلىقتىن تەستە قۇتۇلغان ئۇنىڭ ھازىر ئائىلىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، پارچە - پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇياش نۇرىنى سۈمۈرۈپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئۈمىد بېغىشلىماقتا ئىدى. ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا قارىماي، ئابابەكرى توبانى ئېلىپ، يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىدىكى قۇملارنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرتتى. بۇ يەردە قۇم - بوران كۈچلۈك، يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم سۈرتۈش كېرەك، بولمىسا توك چىقىرىشقا تەسىر يېتىدۇ، كىرىمگە تەسىر يېتىدۇ. ئابابەكرى تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىدا ئالتە نەپەر ئىشچى بار، ھەممىسى نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇ تۈرگە تايىنىپ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يولنى كۆرسىتىپ بەردى، بىز پەقەت ئىشلىسەكلا بولدى.» ئابابەكرىنىڭ ئىشلىگەنسېرى غەيرىتى ئاشتى.

نامرات ئاھالە تۇرسۇنتوختى تۇرسۇن باقىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىشەنچىسى بار. بۇلتۇر، ئۇ دادىسىدىن 30 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇپ، بەش تۆگىنى بېقىشقا ھاۋالە قىلىپ، نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدى. كوپىراتىپ ھەر يىلى %8 پايغا سۇندۇرۇپ پايدا تەقسىم قىلىدۇ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ۋاقتىدا تارقىتىلىدۇ، ھېسابلىغاندا تۇرسۇنتوختى ئائىلىسىگە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم كىرىدۇ، ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئەمدى ئىككى مو يەرگە قاراپ تۇرمايدىغان بولدى. «چۈشۈمدىمۇ بۇنداق ياخشى كۈنگە ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.» تۇرسۇنتوختىنىڭ چىرايىدىن يېڭى تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈش چىقىپ تۇراتتى.

[خاتىمە]

«باش شۇجىغا دوكلات . نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىمىز» سەھىپىسىنىڭ جەمئىي ئون پارچە پۈتۈن تاراتقۇ گۇرۇپپا خەۋىرى بۈگۈن ئېلان قىلىنىپ بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، نامرات كەنتلەرنىڭ 1 - شۇجىلىرىنىڭ بايانى ۋە كەڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىلىرىدە، بىز چىڭ تۇرۇش، كۈرەش قىلىش، ئۆزگىرىش ۋە ئىشەنچنى كۆردۇق.

نامراتلىشىشنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، قېپقالغان قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ئېغىر نامرات ناھىيە نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتتى، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتا ئادەمگە، ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللاندى، ھەربىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرىمۇ چۈشۈپ قالمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى