تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى)

ۋاڭ ياڭ

ئەزالار، يولداشلار:

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، غەلىبىلىك يېپىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن مۇھىم پەيتتە چاقىرىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. يىغىن مەزگىلى قىسقارتىلغان، رىتىمى تېزلىتىلگەن، ۋەزىپىلەر تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئەھۋالدا، بارلىق ئەزالار يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى.

بۇ يىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش يىلى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئۆزگىچە بىر يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت بۇ «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

− بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدىن كۈچ ئېلىشىمىز، ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا نەزەر سېلىپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ مەيدان پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق كىرىزىس ۋە مۇھىم، زور كۈرەش جەريانىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەملىكەت بويىچە جەڭگە ئاتلىنىپ، باتۇرانە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدىكى قەھرىمانلىق سەھىپىسىنى پۈتتۇق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەرساھەدىكى زاتلار بۇ مەيدان مىسلىسىز جاپالىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىش جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە خەلق مەركەز قىلىنغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگە قارىتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىگە قارىتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە مۇستەھكەم ماددىي تېخنىكا ئاساسىغا قارىتا، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر تەسىراتقا ۋە تونۇشقا ئىگە بولدى. پەقەت بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر، سىناققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى تولۇق ياخشى قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلار ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

− بىز نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشىگە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە يېڭىشىگە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا شۇنچە توغرا كېلىدۇ. خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، شەكىلۋازلىق قىلىش خاھىشىغا قارشى تۇرۇپ، يىڭناغۇچنىڭ سۇغا قونۇشى شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى رەت قىلىپ، چوڭ گەپ قىلىش، ئۈنلۈك شوئار توۋلاش شەكلىدىكى تەكلىپ بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىقىنى ياخشى ئۆتەش ئاساسىي ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە كېڭىشىش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەللىكىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى ياخشى پىلانلاش قاتارلىقلار ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى كەڭ تۈردە مۇجەسسەملەش كېرەك.

− بىز جۇڭگوچە دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش ئۈچۈن رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ كۆپ تەرەپتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ جۇڭگودا كارغا كېلىدىغانلىقى، ناھايىتى ئەسقاتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن كۆپ پارتىيە - گۇرۇھ ھەمكارلىقىنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن سىياسىيغا مەركەزلىك، تەرتىپلىك قاتنىشىشنى توغرا يولغا قويۇشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ بىر خىل ماھىيەتلىك، ئىجابىي بولغان، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان خەلق دېموكراتىيەسى. جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكى دۆلەت ئىدارە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بىز خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق تۈزۈم ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسقا، ئورتاق نىشان ئىنتىلىشىگە، ئورتاق تۈپ مەنپەئەتكە ئىگە سىياسىي ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىمىز، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئەزالار! بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا گۇۋاھ بولالىغانلىق ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشالىغانلىق كىشىلىك ھاياتتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت. پۇرسەتنى قەدىرلەپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ