تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

داۋاملاشما كۈرەش قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي رېڭىدىن يېزا - كەنتلەرنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش

بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ئۆتكۈر نىجات، سۈن يۈن، لۈ يىخەن

ھازىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ جىپسىلاشتۇرۇلۇۋاتقان تارىخىي كېسىشىش مەزگىلىدە، ئىككىسىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماس ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى ئىشلەش ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مېخانىزمىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە نەزەر −

«كۈنلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئۆتكۈزۈش»

تۇتاش كەتكەن ئەمىن ئۆيلەر قاتار - قاتار سېلىنغانىدى، تۈز ۋە تەكشى ئاسفالت يوللار كەڭ، پاكىز ئىدى، بالىلار مەيداندا ئويناۋاتاتتى، دېھقانلار پارنىكتا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى... ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى يېڭى ئارپا كەنتىگە بارغاندا، بۇ كەنت يېزا مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە گۈزەل رەسىمدەك كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، كەنت قىياپىتى يىلدا بىر يېڭى تۈس ئالدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن يېڭى ئارپا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى گو تيەنجۈن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بۇ يەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىگىچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە تىرىشىپ ياردەم بەردى ھەم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا جەزمەن يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندىلا، ئاندىن ئۇنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك خىزمەتنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى ئارپا كەنتىنىڭ تاپقان يولى: ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشى قۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىش؛ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، كۆڭۈلنى ئۇتۇپ، ئادەمنى ئېلىپ قېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

«ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىلىدىغىنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بولدى.» گو تيەنجۈن مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشىلانسا، ئادەم تېخىمۇ روھلۇق بولىدۇ».

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساس؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، تۇرمۇشنىڭ باياشات بولۇشى ئاساس.» گو تيەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، يېڭى ئارپا كەنتى «كەسىپ ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەنتنىڭ ئىككى باغ - ئورمانچىلىق بازىسىدىكى 856 مو ياڭاقلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە كۈچ قوشتى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تۆت كەنتنىڭ زاۋۇت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مەھسۇلاتنىڭ نوقۇل كارخانا تەرەققىياتىغا بولغان چەكلىمىسىنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 344 ئادەمنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر، دېدى گو تيەنجۈن.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى −

«كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە»

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى جەزمەن كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پىكىر يولىغا ئالمىشىشى كېرەك.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيە مەتسەيدى مۇنداق دېدى: كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، يېزا - كەنت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ۋەكىل رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، ئالدى بىلەن بازارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش، پىششىق بىلىش، ئىگىلەش، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى بازارلاردىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە ئۇدۇللاشتۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى قىممەت زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، رىقابەت كۈچىگە باي كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش؛ ئاخىرىدا 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پەيدىنپەي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىپ ھالقىشىنى تاماملاش كېرەك.

«ھەرقايسى ھالقىلارنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك»

«لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باشتىن - ئاخىر تومۇرداش.» شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەش خىزمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق سىڭدۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈشكە بولىدۇ.

ئەزا دېڭ خۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مېخانىزم جەھەتتە جىپسىلاشتۇرۇش، يىرىك پىلان جەھەتتە جىپسىلاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتە جىپسىلاشتۇرۇش، تەرەققىيات جەھەتتە جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىككىسىنىڭ نىشانىنىڭ بىردەك بولۇشى، خىزمەتنىڭ ئۈزلۈكسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك بىردەكلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −

«تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا»

«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى، مامۇت توختى ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيلىرىنى بىرەر قۇر تازىلىغاندىن كېيىن، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بازاردىن سېتىۋالغان گىلەمنى ئېلىپ چىقىپ ئىنچىكىلىك بىلەن كارىدورغا سالدى.

«ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى ئەمگەك قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئۆيىمىزنى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرىمىز.» مامۇتنىڭ ئىش قىلىۋېتىپ ئۆز - ئۆزىگە دېگەن سۆزلىرى خوتۇنىنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرۈۋەتتى، «تۇرۇۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئاشسىمۇ يەنە يېڭى ئۆي دېگىنىنى.» بۇ گەپنى ئاڭلىغان مامۇت «قانچە يىل تۇرساقمۇ يەنىلا يېڭى ئۆي!» دەپ جاۋاب قايتۇردى كەسكىنلىك بىلەن.

بۇلتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا، مامۇت بىر ئائىلە كىشىلىرى تېخى ئىككى ئېغىزلىق كونا خىش ئۆيدە تۇراتتى، ئۆي تار بولۇپ، تۇرمۇش قولايسىز ئىدى. ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ پايدىسىدا، مامۇت ئائىلىسىدىكىلەر 110 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىۋالدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئەلۋەتتە ئەڭ زور غەيرىتىم بىلەن يېڭى قىياپەتتە ياشايمەن.» كەنتتە كىچىك لوڭشيا باقمىچىلىقى باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مامۇت ھاياجېنىنى بېسىۋالالماي، شۇئان تىزىملاتتى. «بۇ نەرسىنىڭ سېتىلىش باھاسى يۇقىرى، سېتىلىش يولى ياخشى، بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالسام نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن غەم قىلمايمەن!»

كۆلچەكنى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ ئوتلىرىنى تېرىش، كىسلاتالىق - ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش... مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكلىشىدە، مامۇت بىر قاتار ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىنى تاماملىدى.

كۆلچەكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، كىچىك لوڭشيالارنىڭ ئەركىن ئۈزۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مامۇت مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدى.

«ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلسام، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا كەڭتاشا يېتىدۇ. ياخشى ئىشلەيمەن، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا!» دېدى مامۇت تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى